ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيەنىڭ ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئالدىنقى سەپتىكى توقۇنۇشلار توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغان.

باياناتتا كېچىدىكى قاتتىق توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملاشقانلىقى قەيت قىلىنغان بولۇپ، 27-سېنتەبىردىن 30-سېنتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا 2300 ئەرمېنىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى، تەخمىنەن 130 تانكا ۋە ھەربىي ئاپتوموبىلنىڭ، 200 دىن ئارتۇق زەمبىرەك ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى، تەخمىنەن 25 ھاۋادىن قوغدىنىش سىستېمىسى، ئالتە قوماندانلىق مەركىزى ۋە قوماندانلىق كۆزىتىش مەركىزى، بەش قورال ئىسكىلاتى، تەخمىنەن 50 تانكا ئاتار ۋە 55 ئاپتوموبىلنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

29-سېنتەبىردىكى توقۇنۇشلاردا ئىشغال ئاستىدىكى خوجاۋەند ۋىلايىتى شۇشاكەند رايونىدا ئەرمېنىيەنىڭ بىر دانە «S-300» سىستېمىسىنىڭ پاچاقلانغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، 30-سېنتەبىر ئەتىگەن يوقىتىپ قويغان نۇقتىلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ماداگىز يۆنىلىشىدە توپلانغان ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن باشلىغان قايتۇرما ھۇجۇمدا ئاغدەرە-تەرتەر يۆنىلىشىدە ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ قورشاۋىغا دۇچ كەلگەن.

بۇ خەۋەر 942 قېتىم كۆرۈلدى
01/10/2020 19:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق