ياپونىيە خىتاينىڭ تەھدىتى سەۋەبلىك ھەربىي خامچوتىنى كۆپەيتتى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە ئارمىيەسى باش مىنىستىر يوشىخىدې سۇگا باشچىلىقىدىكى يېڭى ھۆكۈمەتكە كېلەركى مالىيە يىلى ئۈچۈن ھەربىي خامچوت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ لايىھە ئۆتكەن توققۇز يىلدىكى ئۇدا ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، خىتاينىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، چارشەنبە كۈنى (30-سېنتەبىر) ئېلان قىلىنغان ھەربىي خامچوت بۇ يىلقى خامچوتقا سېلىشتۇرغاندا %3.3 ئاشقان، يەنى تەخمىنەن 52 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان. يېڭى مالىيە يىلى كېلەر يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىدىكەن. بۇ پىلان يوشىخىدې سۇگا ئىچكى كابىنېتىغا ئەۋەتىشتىن ئىلگىرى ياپونىيە مالىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن قايتا قاراپ چىقىلىدىكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۆتكەن ئون يىلدا ياپونىيەنىڭ ھەربىي خامچوتى مۇقىم ئاشقان. ياپونىيە تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىمالىي كورىيە ۋەزىيىتىنى مۆلچەرلىگىلى بولمىغان، خىتاينىڭ ھەربىي خامچوتىنى غايەت زور دەرىجىدە ئۈستۈرۈشى، توختىماي زېمىن ماجىراسى قىلىشى ياپونىيەگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر خامچوت ماقۇللانسا، يوشىخىدې سۇگانىڭ ئىلگىرىكى ئابى شىنزو قوزغىغان ھەربىي خامچوتنى ئاشۇرۇش يۈزلىنىشىنىڭ داۋاملاشتۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ياپونىيە تېخىمۇ كۆپ ئايروپىلان، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئاۋىياماتكا سېتىۋېلىپ، ئۆزىنى قوغداش قىسمىنىڭ جەڭ دائىرىسى ۋە ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي ئاسىيادىكى دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرالايدىغان ئىقتىدارنى ھازىرلاشنى پىلانلىغان.

رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيەنىڭ كېيىنكى ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلاننى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن تەخمىنەن 40 مىليارد دوللار چىقىم قىلىش مۆلچەرلەنگەن بولۇپ ، 2030-يىلى تاماملىنىشى پىلانلانغان. بۇ تەتقىقات ۋە تەرەققىيات تۈرى ئۈچۈن يېقىندا 730 مىليون دوللار ئاجرىتىلغان.

ئاشكارىلىنىشىچە، ياپونىيە ئارمىيەسى يەنە ئالتە دانە F-35 كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋېلىشنى پىلانلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسىنىڭ قىسقا مۇساپىلىك ئۇچۇش ۋە تىك قونۇش ئىقتىدارى بار ئىكەن.

ياپونىيە ئارمىيەسى يەنە 936 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ، ئىككى يېڭى ئۇرۇش پاراخوتى ياساشقا تەييارلىق قىلغان. بۇ پىلان ئەمەلىيلەشسە، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش جەھەتتە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بېسىمى تۆۋەنلەيدىكەن. نۆۋەتتە ياپونىيە نوپۇسىدىكى قېرىش نىسبىتى بىر قەدەر ئېغىر بولغاچقا، ئارقا سەپتىن ئەسكەر تولۇقلاشقا توسالغۇ بولماقتا ئىكەن.

https://www.voachinese.com/a/Japan-military-seeks-record-52-bn-budget-20200930/5603211.html
بۇ خەۋەر 1070 قېتىم كۆرۈلدى
01/10/2020 20:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق