ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ خىرىسلىرىغا تاقابىل تۇرالمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

ۋال كوچىسى ژۇرنىلىنىڭ بۈگۈنكى خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرى خىتايدىن كەلگەن كۆپ تەرەپلىمىلىك خىرىسلارغا تاقابىل تۇرالمىغانلىقى خۇلاسە قىلىنغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا، ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خىتايدىن كەلگەن كۆپ تەرەپلىمىلىك خىرىسلارغا تاقابىل تۇرالمىغانلىقى يەكۈنلىنىپ، تارقىلىشچان كېسەللەر، سودا ۋە باشقا ئاخبارات خادىملىرىغا ئەھمىيەت بېرىش تەلەپ قىلىنغان.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ھەر يىلى 85 مىليارد دوللار سەرپ قىلىدىغان ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ تېررورلۇق ۋە دۈشمەن تەرەپنىڭ ھەربىي كۈچى قاتارلىق ئەنئەنىۋى نىشانلارغا بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان دوكلاتنىڭ خۇلاسىسىدە خىتاي ۋىرۇس يۇقۇمى ۋە خىتاينىڭ سۈنئىي ئىدراك قاتارلىق ساھەلەردىكى تېخنىكا ئەمەلىي كۈچىمۇ تەھدىت پەيدا قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپى جەھەتتىن ماھىيەتلىك ئىسلاھات يۈرگۈزۈشى تەۋسىيە قىلىنغان بولۇپ، سودا مىنىستىرلىكى، دۆلەتلىك ئىلىم-پەن فوندى، ئاممىۋى سەھىيە تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ياردەم بىلەن تەمىنلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر دوكلات ۋە بۇ ھەپتە ئېلان قىلىنغان باشقا ئىككى دوكلات ئامېرىكا پارلامېنتىدا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئورتاق تونۇشنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئىككى پارتىيەنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ يەر شارىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا خىرىس قىلىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىكەن. بۇ دوكلاتلار كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا، مەيلى تىرامپ قايتا سايلانسۇن ياكى بايدىن سايلانسۇن، خىتايغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق سىياسەتنىڭ ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

بۇ خەۋەر 844 قېتىم كۆرۈلدى
01/10/2020 20:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق