پومپېيو خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىككە زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىر پومپېيو ۋاتىكان ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىككە زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو 1-ئۆكتەبىر ۋاتىكاننىڭ ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشنى پىلانلىغان. ئەمما ئۇ يىغىندىن بىر كۈن بۇرۇن خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىككە زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارا تەنقىد قىلغان ھەمدە ۋاتىكاننى ئامېرىكىغا قوشۇلۇپ خىتاينى ئەيىبلەشكە چاقىرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋاتىكان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پول گالاگېر ۋە دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كاردىنال پىترو پارولىن پاپا فىرانسىسنىڭ ئامېرىكا سايلىمىدىن ئىلگىرى سىياسەتچىلەر بىلەن كۆرۈشۈشتىن ساقلىنىش مەقسىتىدە پومپېيو بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلىپ: «پومپېيونىڭ پاپا بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپى بار. ئەمما پاپا سايلام جەريانىدا ھېچقانداق سىياسىي ئەرباب بىلەن كۆرۈشمەيدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ پاپانىڭ پومپېيونى قوبۇل قىلمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى» دېگەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، پومپېيو پاپانىڭ ئالدىنقى ئايدا ماقالە ۋە تىۋىتتېر ئارقىلىق خىتاي-ۋاتىكان كېلىشىمىنى ئۇزارتىشقا قوشۇلۇش قارارىنى تەنقىد قىلىپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ ۋاتىكاننىڭ ئەخلاق ئۆلچىمىگە خەتەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ھەرىكەت پومپېيو بىلەن ۋاتىكاننىڭ مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرگەن. ۋاتىكان خىتاي-ۋاتىكان كېلىشىمىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى، ئەمما ئۇلار يەنىلا كېلىشىمنى خىتاي-ۋاتىكان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم قەدىمى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

پومپېيو 30-سېنتەبىر ئامېرىكىنىڭ ۋاتىكاندىكى باش ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتكە قاتناشقاندا، خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىككە زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەنقىد قىلغان. شۇنداقلا ۋاتىكاننى ئامېرىكىغا قوشۇلۇشقا چاقىرىپ، خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىككە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

پومپېيو سۆزىدە يەنە: «دىنىي ئەركىنلىككە دەخلى-تەرۇز قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، خىتاينى دۇنيادىكى بىرىنچى ئورۇندا دېيىشكە بولىدۇ. دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر دۆلەت خىتايغا ئوخشاش دىنىي ئەركىنلىككە ھۇجۇم قىلمىدى. بىز ئەركىنلىك تەلەپ قىلىدىغانلارنى قوللىشىمىز كېرەك» دېگەن.

پالولىن رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بەزى كىشىلەرنىڭ پومپېيونىڭ ۋاتىكاننى تەنقىد قىلىشىنى سىياسىي ھەرىكەت دەپ قارايدىغانلىقىنى، پومپېيونىڭ سۆزىنىڭ دۆلەت ئىچى سىياسەت دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «پومپېيونىڭ مەقسىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچى سىياسىتىنى كونترول قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئامالىم يوق، ئەمما بۇمۇ بىر چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلى» دېگەن.

پالولىن يەنە خىتاي تەرىپىنى ئېلىپ، خىتاي-ۋاتىكان كېلىشىمىنىڭ ئامېرىكا سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى، چۈنكى ئۇ ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىكى چېركاۋلار ئارا مەسىلە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئامېرىكا خىتاي-ۋاتىكان كېلىشىمىنى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچى سىياسىتىدىكى كوزىر قىلىپ ئىشلەتمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 867 قېتىم كۆرۈلدى
01/10/2020 20:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق