ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي بۇ جەھەتتە ھەر قانداق دۆلەتتىن زور دەرىجىدە ئېشىپ چۈشكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 30-سېنتەبىر خەلقئارا بالىلار ئەمگىكى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئەمگەكچىلەرنى خورلىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا دۇچ كېلىۋاتقان مۇئامىلىلەرگە بولغان ئەندىشە ئىپادىلەنگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىكى بالىلار ياكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋىتى بار، دەپ قارالغان مەھسۇلاتلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغان مەھسۇلاتلار پەلەي ۋە روژدېستۋا بېزەكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايدا ئىشلەنگەن 17 خىل مەھسۇلات ئىكەن. بۇ يىل يېڭى تىزىملىككە بەش خىل مەھسۇلات قوشۇلغان بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلار شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىدىكەن.

ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرى يۇۋجېن سىكالىيە (Eugene Scalia) چارشەنبە كۈنى تاراتقۇلار بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون يىغىنىدا: «خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار باشقا دۆلەتلەردىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى» دېگەن.

ئەمگەك مىنىستىرلىكى باياناتىدا مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن: «بۇ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى تىزىملىكىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ "شىنجاڭ"دىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن زور تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى. "شىنجاڭ"دا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر لاگېرغا قامالدى. مۆلچەرلىنىشىچە، خىتايدا كەم دېگەندە بىر مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت خەلقى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قايتا تەربىيەلەش لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتىدۇ».

ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىكى دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىنىشىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش خەۋپىنى كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەمگەك مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان بۇ تىزىملىك 77 دۆلەتتىن كەلگەن 155 مەھسۇلاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 2018-يىلى دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان قوشۇلغان تەخمىنەن 24 مەھسۇلات كۆپەيگەن.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ (CBP) ئېيتىشىچە، 2020-يىلى 13 قېتىم بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.

https://www.voachinese.com/a/US-labor-department-report-forced-labor-china-xinjiang-20201001/5605316.html
بۇ خەۋەر 1293 قېتىم كۆرۈلدى
02/10/2020 17:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق