ياۋروپا ئىتتىپاقى: خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىش ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك

گېرمانىيە ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى خىتايغا چاقىرىق قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتايدىن بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى تاماملاپ، خىتاي بازىرىنى ياۋروپا شىركەتلىرىگە ئېچىۋېتىشنى تەلەپ قىلماقچى ئىكەن. شۇنداقلا خوڭكوڭ مەسىلىسىنى تۇتقا قىلىپ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەنقىد قىلماقچى ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى پەيشەنبە كۈنى بىريۇسسېلدا باشلىقلار يىغىنى چاقىرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي سىياسىتىنى مۇزاكىرە قىلىپ، ئىككى تەرەپلىك ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن ئويلاشقان. ئۇلار بۇ مۇناسىۋەتنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتتە ئۆزئارا باراۋەرلىك پىرىنسىپنى تەكىتلىگەن. مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى كېڭىشىشنىڭ مەقسىتى بولسا، نۆۋەتتىكى ئىككى تەرەپنىڭ بازارغا ئىجازىتى جەھەتتىكى پەرقىنى ھەل قىلىش، باراۋەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ۋە سىجىل تەرەققىيات ئۈچۈن ئەھمىيەتكە ئىگە ۋەدە بېرىش ئىكەن.

چاقىرىقتا خىتاي «سىستېمىلىق رىقابەتچى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، خىتايدىن ئىلگىرىكى بازاردىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ سانائەت تولۇقلىمىسى ھەققىدە سۆھبەتلىشىش تەلەپ قىلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ سۆھبەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا ئالتە يىلدىن ئاشقان. ياۋروپا ئىتتىپاقى بېيجىڭدىن كونكرېت تەدبىر قوللىنىپ، ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چوڭ ساھەلىرىگە كىرىشىگە يول قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى دۈشەنبە خىتاينىڭ يىل ئاخىرىغىچە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى تاماملاش ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جۇغراپىيەلىك سىياسىي توقۇنۇشتا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سودا گۇرۇھى بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى چەكلىك كۈچىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي بىلەن سودا ئۇرۇشى قىلماستىن، مەبلەغ سېلىشنى قىسمەن چەكلەش ئارقىلىق خىتاينىڭ مەيدانىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىغان.

https://www.voachinese.com/a/EU-leaders-to-tell-China-to-meet-2019-2020-trade-deadlines-20201001/5604872.html
بۇ خەۋەر 786 قېتىم كۆرۈلدى
02/10/2020 17:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق