ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىككى پارتىيەنىڭ خىتاي سىياسىتى يۆنىلىشى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلدى

ب ب س خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ۋە دېموكراتلار پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى خىتاي ئىشلىرى گۇرۇپپىسى ئىككى تۈرلۈك تەتقىقات دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا سايلامدىن كېيىن باشقا دۆلەتلەرگە قوللىنىشى مۇمكىن بولغان ئىستراتېگىيەلەرنى ئاشكارىلىغان.

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ خىتاي خىزمەت گۇرۇپپىسى تارقاتقان دوكلاتتا خىتاي تەھدىتى ئەتراپلىق تەكشۈرۈلۈپ، ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىشنىڭ خىتايدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىلگىرىكى ئىستراتېگىيەلەرنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن. دوكلاتتا يۈزلىگەن سىياسەت تەكلىپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئامېرىكا ۋە تەيۋەننىڭ سودا سۆھبىتىنى كۈچەيتىشى، تەيۋەننىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلارغا تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىشى، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ تېخىمۇ كۆپ رەسمىي ئالاقىدە بولۇشقا رۇخسەت قىلىدىغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىشى ھەمدە خىتاي تەرىپىدىن ئېزىلىۋاتقان خوڭكوڭ پۇقرالىرىنى پاناھلىق بىلەن تەمىنلەش كېرەكلىكى قاتارلىقلار تەۋسىيە قىلىنغان.

ئامېرىكا دېموكراتچىلار پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى دوكلاتتا، ھۆكۈمەت ئىستىخبارات ئورگانلىرى نۇقتىلىق تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئىسلاھاتقا موھتاج ئىكەنلىكى، شۇنداقلا مالىيە مىنىستىرلىكى، سودا مىنىستىرلىكى ۋە سەھىيە ۋە ئاپەت باشقۇرۇش ئورگىنى قاتارلىق ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خادىملار خىتايغا قارىتىلغان ئىستىخبارات ئانالىزىنى كۈچەيتىپ، خىتاينىڭ «يۇمشاق تەھدىتى»گە تاقابىل تۇرۇش تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا ئومۇمەن ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى رىقابەت ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئۆزگىرىشلەر تەپسىلىي بايان قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ غەربنىڭ كۈتكىنىدەك خەلقئارا سىستېمىغا كىرگەندىن كېيىن مەسئۇلىيەتچان بىر ئەزا بولالمىغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرى ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىشنىڭ ئامېرىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىراق ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقە ئىستراتېگىيەسى ئۆتمۈشتە دائىم خىتاينىڭ «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» ، «ئىقتىسادىي رەزىللىك» ۋە «كېڭەيمىچىلىك تاجاۋۇزچىلىقى»غا كۆز يۇمۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، خوڭكوڭ مەسىلىسى، خىتاي-ھىندىستان چېگراسىدىكى توقۇنۇش ۋە ۋىرۇس يۇقۇمىدىكى ئىپادىلىرى تىلغا ئېلىنغان ۋە بۇلارنىڭ بىر يۈرۈش ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئىكەنلىكى، خىتاي ئىدېئولوگىيەسىنىڭ خەلقئارا سىستېمىنىڭ يادرولۇق پىرىنسىپلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋاتقانلىقى ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغانلىقى يورۇتۇپ بېرىلگەن.

دوكلاتتا يەنە، ئامېرىكا خىتاي ئارمىيەسىنى چەكلەش ئۈچۈن دۆلەت مۇداپىئەسى خامچوتىنى كەم دېگەندە %3 تىن %5 كىچە ئاشۇرۇش، خىتاي ھەربىي سانائىتىنىڭ قوللاشقا ئېرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خىتاينىڭ تەشۋىقات ئاپپاراتلىرىغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىش، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كەسىپ زەنجىرىدە خىتايغا تايىنىشنى ئازايتىش، خىتاينىڭ 5G تورىغا ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپىگە قاراپ چىقىش قاتارلىق تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

https://www.bbc.com/zhongwen/simp/world-54382009
بۇ خەۋەر 940 قېتىم كۆرۈلدى
03/10/2020 11:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق