خىتايدىكى ئوت ئاپىتىدە 13 كىشى ئۆلدى

بۈگۈن خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە ئاشكارىلىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ 71 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە خىتاي تاۋۇز چاغىنى دەم ئېلىشى مەزگىلىدە خىتاينىڭ شەنشىدە ئوت ئاپىتى يۈز ېېرىپ، 13 ساياھەتچى ئۆلگەن.

خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، 1-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 13 دە شەنشى ئۆلكىسى تەييۈەن شەھىرى تەيچى تېغى مەنزىرە رايونىدىكى مۇز ھەيكەللىرى زالىدا يۈز بەرگەن.

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 28 كىشى ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە 13ى ئۆلۈپ، 15ى دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان.

خىتاي تاراتقۇلىرى ئاپەت سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. باشقا خەۋەر مەنبەلىرىدە ، تەيچى تېغى مەنزىرە رايونىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئاپەت سەۋەبىنىڭ سىم يولى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ مەنزىرە رايونى ساياھەت، ئىستىراھەت ۋە يېمەك-ئىچمەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆڭۈل ئېچىش باغچىسى بولۇپ، قەدىمكى ئورمان مۇزېيى ۋە دىنازاۋۇر تاش قاتمىسى بار ئىكەن.

https://www.rfi.fr/cn/%E4%B8%AD%E5%9B%BD/20201002-%E4%B8%AD%E5%9B%BD%E5%9B%BD%E5%BA%86%E5%81%87%E6%9C%9F-%E6%99%AF%E5%8C%BA%E7%81%AB%E7%81%BE13%E4%BA%BA%E9%81%87%E9%9A%BE
بۇ خەۋەر 854 قېتىم كۆرۈلدى
03/10/2020 12:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق