ب ب س: ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى قوش تىل مائارىپى خىتاي ئاز سانلىق مىللەت سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى

ب ب س خەۋەرلىرى تورى بۈگۈن ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى قوش تىل مائارىپى تالاش-تارتىشى خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئاز سانلىق مىللەت سىياسىتى»نى ئۆزگەرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، دەپ باھا بېرىلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا موڭغۇلىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ئېلبېگدور شى جىنپىڭغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، خىتاينىڭ ئىچكى موڭغۇلىيەدە مەجبۇرىي قوش تىل مائارىپىنى يولغا قويغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاي تاراتقۇلىرى موڭغۇلىيە پىرېزىدېنتىغا يازغان «جاۋاب خېتى»دە ئىچكى موڭغۇلىيە خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى، ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى قوش تىل مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرى قاتارىدىن ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا بولمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ مەكتۇپتىكى پىكىرلەرنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئەمما موڭغۇلىيە سابىق پىرېزىدېنتىنىڭ قايسى نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى خىتاي تاراتقۇلىرى تىلغا ئالمىغان.

موڭغۇلىيە سابىق پىرېزىدېنتىنىڭ بۇ خەتنىڭ موڭغۇلچە، ئىنگلىزچە ۋە خىتايچە نۇسخىسىنى ئۆز تىۋىتتېر ھېساباتىدا يوللىغان، بولۇپ تاكى خەتنى تاپشۇرۇۋالغۇچى كۆرگەنگە قەدەر باشقىلارنىڭ بۇ خەتنى تارقىتىپ قويۇشىنى ئۆتۈنگەن.

ئېلبېگدور خېتىدە ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى قوش تىل مائارىپى ئىسلاھاتىنىڭ خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى بەرگەن ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى موڭغۇل بالىلىرىنىڭ موڭغۇل تىلىنى ئۆگىنىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ موڭغۇللارغا قىلغان مۇئامىلىسىنىڭ ئۇلارنى ئىنتايىن ئازابلىغانلىقىنى، بۇ ئىشلارغا قاراپ تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ خېتىدە يەنە خىتاينىڭ ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى قوش تىل مائارىپى ئىسلاھاتى ئارقىلىق موڭغۇللارنى پارچىلاپ يوقاتماقچى بولغانلىقىنى، زوراۋانلىقنىڭ كۈنسېرى كۈچەيگەنلىكىنى، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ب ب س خەۋەرلىرى تورىنىڭ مەزكۇر ماقالىسىدە خىتاينىڭ ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى قوش تىللىق يېڭى سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان تالاش-تارتىش ۋە خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك تالاش-تارتىشنى چۆرىدىگەن ئاساستا «ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى قوش تىل ئوقۇتۇش سىياسىتىدە قانداق يېڭىلىقلار بار؟ ئىچكى موڭغۇلىيە خەلقى نېمىگە قارشى تۇرىدۇ؟ خىتاي ئىچكى موڭغۇلىيە يېڭى كىرىزىسىنى قانداق چۈشەندۈرىدۇ؟ خىتاي قانۇنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل ھوقۇقىنى قانداق بەلگىلەيدۇ؟ خىتاي مىللەتلەر سىياسىتىنى ئۆزگەرتەمدۇ؟ ئىككىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى خىتاينىڭ قارار چىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟ خەلقئارادا قانداق تەنقىد سادالىرى بار؟ شى جىنپىڭ بۇ ھەقتە نېمە دېدى؟» قاتارلىق سەككىز مۇھىم نۇقتا ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن. بۇ ئارقىلىق شى جىنپىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئاتالمىش «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى»دا «بىز چوقۇم بارلىق مىللەتلەر ئارىسىدا دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشىمىز، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ كېتىشىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك» دېگەنلىكى، بۇ سۆزى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتكە ئېلان قىلغان ئاتالمىش « ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى»نى ئىچكى جەھەتتە ئۆزگەرتىپ ئىجرا قىلىشقا باشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرگەن.

https://www.bbc.com/zhongwen/simp/chinese-news-54346824
بۇ خەۋەر 729 قېتىم كۆرۈلدى
05/10/2020 12:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق