خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ تىركىشىشى داۋام قىلماقتا

3-ئۆكتەبىر تارقالغان سىنلىق خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بىلەن ھىندىستان چېگرادا داۋاملىق تىركەشمەكتە ئىكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئارمىيەسى ھىندىستان ئارمىيەسىگە قارشى ئاۋاز دولقۇنى قورالى ئىشلىتىشكە باشلىغان بولۇپ، ھەر كۈنى داۋاملاشقان كۈچلۈك ئاۋاز سەۋەبلىك ھىندىستان ئەسكەرلىرىدە كۆڭلى ئاينىش، قۇسۇش قاتارلىق بىنورمال ئالامەتلەر كۆرۈلگەن.

4- ئۆكتەبىر كۈنى تارقالغان يەنە بىر سىنلىق خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي مۇستەملىكە ئاستىدىكى تىبەتكە گولمۇد-تىبەت تۆمۈر يولى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان تانكا يۆتكەشكە باشلىغان.

ھىندىستان خەۋەر مەنبەلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستاننىڭ دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرىمۇ تەييارلىقنى كۈچەيتكەن. ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسى يېڭى تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى رايونغا يۆتكىگەن. ھىندىستان يەنە يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىمۇ رايونغا يۆتكىگەن.

https://www.youtube.com/watch?v=mSBEOziYmr0
https://www.youtube.com/watch?v=k0Vv9lefdKQ
بۇ خەۋەر 853 قېتىم كۆرۈلدى
05/10/2020 12:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق