ئامېرىكا خىتاي كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكىغا كۆچۈپ بېرىشىنى چەكلىدى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھەر خىل جازالاش تەدبىرلىرى ئارقىلىق خىتايغا مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىش ۋىزىسىغا چەك قويۇشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، ئىككىنچى قەدەمدە خىتاي كومپارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكىغا كۆچۈپ بېرىپ يەرلىشىشىنى ئوچۇق-ئاشكارا چەكلىگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا پۇقرالار ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسى 2-ئۆكتەبىر سىياسەت قوللانمىسى چىقىرىپ، مۇستەبىت سىياسىي پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇش ئىلتىماسىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ بەلگىلىمە خىتاي كومپارتىيەسى ئەزالىرى ياكى باشقا مۇستەبىت پارتىيە ۋە تارماق ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى ئۈچۈن چىقىرىلغان.

خىتاي يەرشارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ شىجىنمۇ بۇ خەۋەرنى 4-ئۆكتەبىر تىۋىتتېردا ھەمبەھرىلەپ: «ئامېرىكىنىڭ قارارى خىتايغا نىسبەتەن تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنى ساقلاپ قېلىشقا ياردەم بېرىدۇ» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ بەلگىلىمىگە ئاساسەن خىتاي بىرلەشمە جەمئىيەتلىرى، چەتئەلدىكى بىر قىسىم خىتاي جەمئىيەتلىرى ياكى كومپارتىيەنىڭ گۇرۇپپىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى قاتارلىقلارمۇ چەكلىمە دائىرىسىگە كىرىدىكەن. ئامېرىكا خىتاي كومپارتىيەسى ئەزالىرى بىلەن خىتاي پۇقرالىرىنى پەرقلەندۈرۈپ، خىتاي كومپارتىيەسىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى تەدرىجىي چىڭىتقان. بۇ بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئامېرىكا ياكى چەتئەلدىكى كوممۇنىستىك پارتىيەلەر، مۇستەبىت سىياسىي پارتىيەلەر ياكى مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلارنىڭ ھەر قانداق ئەزاسى، مەيلى ھازىر ئەزا بولۇش-بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئامېرىكىغا كۆچۈپ يەرلىشىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىكەن.

https://www.dw.com/zh/%E9%94%81%E5%AE%9A%E4%B8%AD%E5%9B%BD-%E5%8D%8E%E7%9B%9B%E9%A1%BF%E7%A6%81%E5%85%B1%E4%BA%A7%E5%85%9A%E5%91%98%E7%A7%BB%E6%B0%91%E7%BE%8E%E5%9B%BD/a-55156827
بۇ خەۋەر 1018 قېتىم كۆرۈلدى
05/10/2020 12:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق