ئەزەربەيجان ئارمىيەسى كۈنسېرى ئىلگىرىلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە ئارمىيەسىگە تەۋە نۇرغۇنلىغان بىرونېۋىك ئاپتوموبىللارنى بىتچىت قىلىپ، بىر قىسىم يەرلەرنى ئازاد قىلغان.

ئەرمېنىيە ئارمىيەسى بولسا، 4-ئۆكتەبىر كەچتە ئەزەربەيجاننىڭ مىنگەچەۋىر شەھىرى بىلەن ھىزى ۋە ئابشەرون رايونلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغان.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى مەسلىھەتچىسى ھېكمەت ھاجىيوف تىۋىتتېر ھېسابىدا بايانات ئېلان قىلىپ، سانائەت شەھىرى مىنگەچەۋىردە سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى بارلىقىنى ۋە ئەرمېنىيەنىڭ بۇ يەرگە قىلغان ھۇجۇمىنىڭ «قاتتىق ئامالسىز قالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى» بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھاجىيوف كېيىن تىۋىتتېر ھېسابىدا يەنە ھىزى ۋە ئابشەرون رايونىغا ئەرمېنىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن 300 كىلومېتىر مۇساپىلىك ئىككى تال باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىگەن.

تۈنۈگۈن گەنجەدە ئېتىلغان سمېرچ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى سەۋەبىدىن بىر كىشى قازا قىلىپ، 32 كىشى يارىلانغان بولۇپ، بەيلەگان ۋىلايىتىدە ئىككى كىشى ۋە ئاغچەبەدىدە 14 ياشلىق بىر ئۆسمۈر قازا قىلغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 1094 قېتىم كۆرۈلدى
05/10/2020 14:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق