نوبېل مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ئېلان قىلىندى

بۈگۈن 2020-يىللىق نوبېل مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ئېلان قىلىندى. نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتى بۇ يىل مېدىتسىنا ساھەسىدە C تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىغا قارشى تەتقىقاتىغا كۆرۈنەرلىك ھەسسە قوشقان ھارۋېي ئالتېر (Harvey J. Alter)، مايكىل خوۋتون (Michael Houghton) ۋە چارلېس رايس (Charles M. Rice) قاتارلىق ئۈچ ئالىمنى نوبېل مۇكاپاتىغا لايىق كۆرگەن.

C تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى 1989-يىلى بايقالغان بولۇپ، بۇ ئالىملار جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ گېن تەرتىپىنى ئېنىقلاپ چىققان. نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتى نېمە ئۈچۈن نوبېل مۇكاپاتىنى بۇ كىشىلەرگە بەرگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ ئالىملار جىگەر قېتىشىش ۋە جىگەر راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان C تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ گېن تەرتىپىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقى، شۇنداقلا بۇ خىل كېسەلگە قارشى يېڭىدىن بىر نەچچە خىل دورا ياساپ چىقىپ، مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن بۇ مۇكاپات بېرىلدى» دەپ چۈشەنچە بەرگەن.

بۇ ئۈچ ئالىم 10 مىليون شىۋېتسىيە كىرونى مۇكاپات ئالغان بولۇپ، تەخمىنەن بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا توغرا كېلىدىكەن.

https://www.ntv.com.tr/saglik/nobel-tip-odulu-sahiplerini-buldu,oUJIcO7tSES88t8IpCIzhQ

 

بۇ خەۋەر 866 قېتىم كۆرۈلدى
05/10/2020 18:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق