خىتاي كۈرەشچى ئايروپىلانى قۇشنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ چۈشۈپ كەتتى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 5-ئۆكتەبىر خىتاي ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر كۈرەشچى ئايروپىلانى كۆتۈرۈلۈش جەريانىدا قۇشقا سوقۇلۇپ چۈشۈپ كەتكەن.

«خىتاي ئارمىيە گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە، مەزكۇر ئايروپىلاننىڭ تىپى، ئۇچۇش ۋاقتى ۋە ئورنى تىلغا ئېلىنمىغان. ئەمما تەيۋەن خەۋەرلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلان J-10 كۈرەشچى ئايروپىلان ئىكەن.

«خىتاي ئارمىيە گېزىتى» خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ئۇچقۇچى ھاۋا بوشلۇقىدا جەڭ قىلىش مەشىقى قىلىۋاتقان بولۇپ، كۈرەشچى ئايروپىلان قۇشقا سوقۇلۇپ كەتكەنلىكتىن يەرگە چۈشۈپ كەتكەن، ئۇچقۇچى بولسا پاراشۇت بىلەن سەكرەپ قۇتۇلغان.

تەيۋەندە چىقىدىغان ئىنگلىزچە خەۋەردە: «خىتاي دەۋا قىلىۋاتقان ئۆزىنىڭ يېڭىلمەس ئوبرازى بىر قۇش سەۋەبلىك زەربىگە ئۇچرىدى» دەپ خىتاينى مەسخىرە قىلغان.

https://www.voachinese.com/a/chinese-fighter-jet-taken-down-by-bird-20201005/5609305.html?withmediaplayer=1
بۇ خەۋەر 879 قېتىم كۆرۈلدى
07/10/2020 16:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق