ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسى ئىشتاب باشلىقى: خىتايغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىشقا تەييارمىز

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسى ئىشتاب باشلىقى بادائۇرىيا (Bhadauria) خىتايغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي-ھىندىستان چېگراسىدىكى ۋەزىيەت داۋاملىق جىددىيلەشكەن بىر پەيتتە، ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى بادائۇرىيا ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ خىتايغا قارشى ھاۋا ھۇجۇمىغا تەييار ئىكەنلىكىنى، ئەمما ھازىرچە بۇنداق بىر پىلانى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ خىتاي ۋە پاكىستان ئىككى تەرەپ بىلەن قوش لىنىيەلىك جەڭ قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

بادائۇرىيا دۈشەنبە ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ھىندىستاننىڭ 2016-يىلى فىرانسىيەدىن 36 كۈرەشچى ئايروپىلان زاكاز قىلغانلىقىنى، تۇنجى تۈركۈمدىكى بەش كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ بۇ يىل 9-ئايدا رەسمىي ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدىغانلىقىنى، بۇ كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ ھىندىستان ئارمىيەسىنى ھاۋا ھۇجۇمىدا ئالدىن زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە كەلگۈسى بەش يىلدا ھىندىستان تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان 83 تىپلىق «شانلىق» تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننى ئارمىيەگە تاپشۇرىدىغانلىقىنى تونۇشتۇرغاندىن باشقا، دۆلەت ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان مەشىق ئايروپىلانى ۋە يېنىك تىپتىكى تىك ئۇچارلارنىڭمۇ زاكاز قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بادائۇرىيا يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «خىتاي بىلەن ھىندىستان ئۇرۇشۇپ قالسا، خىتاي ھىندىستاننى يېڭەلمەيدۇ. چۈنكى ھىندىستان ئارمىيەسى ئاللىقاچان لاداخنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى». ئۇ يەنە خىتاينىڭ پاكىستان بىلەن ھەمكارلىشىپ ھىندىستانغا تەھدىت سېلىشى، خىتاينىڭ كەشمىردىكى سكاردو ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن پايدىلىنىش مۇمكىنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، ھىندىستاننىڭ قوش لىنىيەلىك جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

https://www.rfi.fr/cn/%E4%B8%AD%E5%9B%BD/20201006-%E5%8D%B0%E5%BA%A6%E5%A4%87%E6%88%98%E5%BA%94%E5%AF%B9%E4%B8%AD%E5%B7%B4%E5%86%9B%E4%BA%8B%E8%81%94%E6%89%8B%E5%A4%B9%E6%94%BB
بۇ خەۋەر 1027 قېتىم كۆرۈلدى
07/10/2020 16:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق