بولتون: ئامېرىكىنىڭ خىتاينى چەكلەش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى بولمىدى

ۋال كوچىسى گېزىتى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا سابىق دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى بولتون ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارىتىلغان چەكلەش ئىستراتېگىيەسىنىڭ كارغا كەلمىگەنلىكىنى بايان قىلىپ، ۋاشىنگتوننى خىتاي بىلەن ئالاقە قىلغاندا تېخىمۇ ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان.

بولتون سەيشەنبە كۈنى «ۋال كوچىسى گېزىتى» دە ئۆتكۈزۈلگەن باش ئىجرائىيە كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىدا: «مېنىڭچە بىزنىڭ ئىستراتېگىيەمىز يەنىلا كىلاسسىك تەھدىت ئىستراتېگىيەسى بولۇپ قالدى. بىز بۇ جەھەتتە ئانچە ياخشى قىلالمىدۇق» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بولتون 2018-يىلدىن 2019-يىلغىچە پىرېزىدېنت تىرامپنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى بولغان. ئۇ خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكىتى، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا توقۇنۇشى ۋە خىتاينىڭ باشقا ھەرىكەتلىرىنى مىسال قىلىپ، «خىتاي ئامېرىكىنىڭ ھەر خىل چەكلەش تىرىشچانلىقىغا قارىماي، يەنىلا چەتئەلدىكى تەسىرىنى كېڭەيتىۋاتىدۇ» دەپ قارىغان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار ۋە خادا تاشلاردا دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيە بازىسى قۇرغانلىقى، جەنۇبىي دېڭىزدا مەمۇرىي رايون قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى، ھىندىستان بىلەن ئەمەلىي كونترول سىزىقىدا قوراللىق توقۇنۇشقانلىقى خىتاينىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن.

مەنبە:
https://cn.wsj.com/articles/%E7%BE%8E%E5%9B%BD%E5%89%8D%E5%9B%BD%E5%AE%89%E9%A1%BE%E9%97%AE%E5%8D%9A%E5%B0%94%E9%A1%BF%E8%AE%A4%E4%B8%BA%E7%BE%8E%E5%9B%BD%E9%81%8F%E5%88%B6%E4%B8%AD%E5%9B%BD%E7%9A%84%E6%94%BF%E7%AD%96%E5%B9%B6%E6%9C%AA%E5%A5%8F%E6%95%88-11602033008

بۇ خەۋەر 754 قېتىم كۆرۈلدى
07/10/2020 17:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق