خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازى ئالدىنقى يىلىغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ناچارلاشقان

ب ب س خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەڭ يېڭى راي سىناش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ۋىرۇس يۇقۇمى ۋە خىتاينىڭ ئاتالمىش «جەڭ بۆرىسى دىپلوماتىيەسى» سەۋەبلىك، كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى خىتاينىڭ ئوبرازى ئالدىنقى يىللارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ناچارلاشقان.

پېۋ تەتقىقات مەركىزى (Pew Research Center)نىڭ تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، ئامېرىكا، كورىيە، ئىسپانىيە ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردە خىتاينى ياقتۇرماسلىق نىسبىتى ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە چىققان. بۇ تەكشۈرۈش ئاساسلىقى ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە ئاسىيادىكى تەرەققىي تاپقان 14 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ دۆلەتلەر ئىچىدە ئاۋسترالىيە خىتاينى ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ %81ى خىتاينى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ نىسبەت بۇلتۇرقىغا قارىغاندا %24 ئاشقان. زىيارەتنى قوبۇل قىلغان تۆتتىن ئۈچ قىسىم ئەنگلىيەلىك خىتاينى ياقتۇرمايدىغان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %19 ئاشقان.

ئامېرىكىدا %73 كىشى خىتايغا قارىتا سەلبىي قاراشتا بولۇپ، 15 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە چىققان. بولۇپمۇ تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئامېرىكىلىقلارنىڭ خىتاينى ياقتۇرماسلىق نىسبىتى %20 ئاشقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، پېۋ تەتقىقات مەركىزى 14 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ياشانغانلارنىڭ خىتايغا بولغان ئۆچمەنلىكى تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەن. بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ياش ئامېرىكىلىقلارنىڭ خىتاينى ياقتۇرماسلىق نىسبىتى تۇنجى قېتىم يېرىمدىن ئېشىپ كەتكەن. 18 ياشتىن 29 ياشقىچە بولغان ئامېرىكىلىقلار ئىچىدە %56 كىشى خىتايغا بولغان تەسىراتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. كورىيەدە بولسا خىتايغا سەلبىي قارايدىغان ياشلارنىڭ نىسبىتى %80كە يەتكەن.

تەكشۈرۈلگەن 14 دۆلەت ئىچىدە ياپونىيەلىكلەرنىڭ خىتاينى ياقتۇرماسلىق نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ %86كە، ئىتالىيەلىكلەرنىڭ خىتاينى ياقتۇرماسلىق نىسبىتى %62كە يەتكەن. شىۋېتسىيەلىكلەرنىڭ خىتاينى ياقتۇرماسلىق نىسبىتى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، %85كە يەتكەن.

https://www.bbc.com/zhongwen/simp/world-54442667
بۇ خەۋەر 807 قېتىم كۆرۈلدى
07/10/2020 17:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق