قىرغىزىستاندا نامايىشچىلار پىرېزىدېنت سارىيى ۋە پارلامېنت بىناسىنى ئىگىلىدى

خەۋەر تۈرك تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 4-ئۆكتەبىر قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلار پىرىزدېنت سارىيى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى پارلامېنت بىناسىغا بېسىپ كىرگەن.

مەركىزىي سايلام كومىتېتى تەرىپىدىن «%7لىك سايلام چېكىگە يېتەلمىدى» دەپ خەۋەر قىلىنغان 12 پارتىيەنىڭ قوللىغۇچىلىرى پايتەخت بىشكەكتىكى ئالاتو مەيدانىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، سايلام نەتىجىسىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان. چۈش ۋاقتىدا باشلىغان نامايىشقا بەش مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.

ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە گاز بومبىسى ئىشلىتىپ نامايىشچىلارنى تارقاقلاشتۇرماقچى بولغان. نامايىشچىلار تاش ۋە كالتەكلەر بىلەن ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى ۋە ئەخلەت ماشىنىلىرىنى ساقچىلار تەرەپكە سۈرۈپ ئىلگىرىلىگەن ۋە ساقچىلارنىڭ چېكىنگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، پىرېزىدېنت سارىيىنى ۋە پارلامېنتنى ئىگىلىگەن.

باشقا خەۋەر مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا، ھازىرغىچە نامايىشتا 100 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان بولۇپ، سابىق پىرېزىدېنت ئالمازبېك ئاتامبايوفنىڭ ئوغلى قادىر ئاتامبايوفمۇ نامايىشقا قاتناشقان. يەنە بىر تەرەپتىن پىرېزىدېنت باياناتچىسى تولگاناي سىتامالىيوف پىرېزىدېنت سورونباي جېئېنبېكوفنىڭ بىشكەكتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

نامايىشچىلارنىڭ بىر قىسمى پىرېزىدېنت سارىيىدا قالسا، يەنە بىر قىسمى ئالاتو مەيدانى ۋە سىياسىي مەھبۇسلار تۇرۇۋاتقان تۈرمىگە قاراپ ئىلگىرىلىگەن. ئالاتو مەيدانىدىكى نامايىشچىلار ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئالمازبېك ئاتامبايوف ۋە سادىر كاپاروفنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. نامايىشچىلارنىڭ تەلىپى بويىچە سابىق پىرېزىدېنت ئالمازبېك ئاتامبايوف تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن.

پىرېزىدېنت ئاخبارات مەركىزىنىڭ باياناتىدا، پىرېزىدېنت سورونباينىڭ ئەتە ئەتىگەن 4-ئۆكتەبىر سايلامغا قاتناشقان 16 سىياسىي پارتىيەنىڭ رەھبەرلىرىنى قوبۇل قىلماقچى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەركىزى سايلام كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، سايلامغا قاتناشقان 16 پارتىيەدىن 12سى سايلام چېكىگە يېتەلمىگەن. سىياسىي پارتىيەلەر پارلامېنت سايلىمىنىڭ ئادىللىق بىلەن ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكىنى، سايلامنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان.

مەنبە:
https://www.haberturk.com/son-dakika-kirgizistan-da-gostericiler-cumhurbaskanligi-sarayini-ve-parlamentoyu-isgal-etti-2825725

بۇ خەۋەر 738 قېتىم كۆرۈلدى
05/10/2020 02:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق