ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشنى ئويلاشماقتا

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈشىنى بايقۇت قىلىشنى ئويلاشماقتا ئىكەن.


خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى پارلامېنت يىغىنىدا خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى تېخىمۇ قاتتىق پوزىتسىيەدە بولۇشقا چاقىرىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دومىنىك رابمۇ سەيشەنبە كۈنى ئەنگلىيەنىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى سىكوت كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىغا چاقىرىق قىلىپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى خىتاينىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىگە يول قويماسلىققا چاقىرىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى دانكىن سىمىس (Sir Iain Duncan Smith) چارشەنبە ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت مۇنازىرىسىدە باشلامچى بولۇپ ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى خىتايغا قارشى تېخىمۇ قاتتىق پوزىتسىيەدە بولۇشقا چاقىرغان.

مۇنازىرە جەريانىدا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ سابىق رەھبىرى تىبەتلەرنى تور ئارقىلىق زىيارەت قىلىش قانۇنىنىڭ ماقۇللىنىشىنى تەلەپ قىلىپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈش مۇمكىنچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى 2022-يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قارىتا پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە چاقىرغان.

مەلۇم بولۇشچە، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك راب پارلامېنتتا: «ئەگەر ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىغا ئائىت تېخىمۇ كۆپ پاكىتلار ئىسپاتلىنىپ چىقسا، ئەنگلىيە 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشالماسلىقى مۇمكىن» دېگەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىك سىكوت(Rick Scott)كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنى قارار چىقىرىپ ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى سەۋەب قىلىپ، خىتاينىڭ 2022-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە يول قويماسلىققا چاقىرىپ بىر پارچە مەكتۇپ يازغان بولۇپ، مەكتۇپتا: «ئەگەر شى جىنپىڭ قىلچە ئاقلىغىلى بولمايدىغان بۇ يولىدا داۋاملىق چىڭ تۇرسا، خىتاي كومپارتىيەسى 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ساھىبخانلىق قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمەسلىكى كېرەك» دېگەن.

https://www.voachinese.com/a/UK-boycott-Beijing-Olympics-US-senator-20201007/5612837.html

بۇ خەۋەر 889 قېتىم كۆرۈلدى
08/10/2020 19:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق