شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى خىتايغا قارىتا يېڭى ئىستراتېگىيە پىلانىنى ئويلاشماقتا

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بىلدۈرۈلۈشىچە، دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى خىتايغا قارشى يېڭى ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈشنى ئويلاشقان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ چارشەنبە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى، تېررورلۇق ۋە خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ نەچچە ئون يىل ئىلگىرى تۈزۈلگەن ئىستراتېگىيە پىلانىنىڭ ئورنىغا يېڭى ئىستراتېگىيە پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى «ئۆلۈك» دەپ ئوچۇق-ئاشكارا مەسخىرە قىلىپ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. ماكروننىڭ سۆزى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بۇ مەسىلىنى قايتىدىن مۇزاكىرە قىلىشىغا تۈرتكە بولغان بولۇپ، باش كاتىپ سىتولتېنبېرگ (Jens Stoltenberg) بۇ چارشەنبە بىراتىسلاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن بىخەتەرلىك يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:

«شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تەكشۈرۈش باسقۇچىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئىستراتېگىيەلىك ئۇقۇمىنى تەڭشەپ، دۇچ كېلىدىغان خەتەر ۋە تەھدىتكە قارىتا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى بېكىتىدۇ. دۇنيا تەرتىپى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتۈنلەي ئۆزگەردى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا نىسبەتەن يېڭى ئىستراتېگىيە ئۇقۇمىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان پەيتى كەلدى».

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۆتكەن يىلى ئۆتكۈزۈلگەن لوندون باشلىقلار يىغىنىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رەھبەرلىرى خىتاينىڭ بىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانخىتاينىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يەر شارىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، گەرچە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مەركىزى يەنىلا ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكا بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسىتىگە سەل قاراشقا بولمايدىكەن.

https://www.dw.com/zh/%E5%9B%A0%E5%BA%94%E4%B8%AD%E5%9B%BD%E5%B4%9B%E8%B5%B7-%E5%8C%97%E7%BA%A6%E6%8F%90%E8%AE%AE%E9%87%8D%E6%8B%9F%E6%88%98%E7%95%A5/a-55197277

بۇ خەۋەر 836 قېتىم كۆرۈلدى
08/10/2020 19:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق