تىرامپ ئافغانىستاندىن داۋاملىق ئەسكەر چېكىندۈرمەكچى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تىرامپ خىتاي بىلەن رۇسىيەگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئافغانىستاندىن داۋاملىق ئەسكەر چېكىندۈرۈدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تىرامپنىڭ دوختۇرى 8-ئۆكتەبىر كەچتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تىرامپنى داۋالاش ئاخىرلاشقانلىقىنى، 10-ئۆكتەبىر ئامما ئارىسىغا بىخەتەر قايتىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ سۆزىدە شەنبە تىرامپنىڭ دىياگنوز قويۇلغانلىقىغا ئون كۈن بولىدىغانلىقىنى، دىياگنوز خاتىرىسىدە ئاساسەن تىرامپنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئاممىۋى سورۇنلارغا قايتىدىن چىقالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تىرامپ 8-ئۆكتەبىر فوكس قانىلىنىڭ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا: «مەن ئۆزۈمنى ياخشى ھېس قىلىۋاتىمەن. ھەقىقەتەن ياخشى. بۈگۈن كەچتە يىغىلىش ئۆتكۈزۈشنى خالايمەن» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە چەت ئەلدىكى ھەربىي كۈچلەرنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەققىدە توختىلىپ، ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، ھەر ۋاقىت خىتاي بىلەن رۇسىيەگە قارشى تەييار تۇرۇشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تىرامپ زىيارەتتە يەنە تور ئارقىلىق پىرېزىدېنتلىق مۇنازىرىسى ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلغان. ئۇنىڭ سايلام گۇرۇپپىسى ئىلگىرى تىرامپنىڭ يىغىلىش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كېيىن تىرامپ مۇنازىرىنى 22-ئۆكتەبىرگە كېچىكتۈرۈشكە قوشۇلغان. ئۇنىڭ سايلام گۇرۇپپىسى يەنە ئۈچىنچى قېتىملىق مۇنازىرىنى 29-ئۆكتەبىرگە ئارقىغا سۈرۈشتە چىڭ تۇرغان.

https://www.dw.com/zh/%E7%89%B9%E6%9C%97%E6%99%AE%E9%87%8D%E5%9B%9E%E9%80%89%E6%88%98-%E6%AC%B2%E6%92%A4%E9%A9%BB%E5%A4%96%E7%BE%8E%E5%86%9B%E5%AF%B9%E4%BB%98%E4%B8%AD%E4%BF%84/a-55211313
بۇ خەۋەر 778 قېتىم كۆرۈلدى
09/10/2020 15:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق