تىرامپ: خىتاي ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تىرامپ چارشەنبە تىۋىتتېر ھېساباتىدا ئاقسارايدا تارتىلغان يېڭى بىر سىننى ھەمبەھرىلەپ، ۋىرۇسنىڭ خىتاينىڭ خاتالىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

تىرامپ ئۆزىنى داۋالاشتا سىناق قىلىپ ئىشلىتىلگەن دورىلارنىڭ بارلىق ئامېرىكىلىقلارغا ئوخشاش ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ۋە پۈتۈنلەي ھەقسىز تەمىنلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تىرامپ سۆزىدە: «ئەگەر سىز ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بولسىڭىز، بۇ سىزنىڭ خاتالىقىڭىز ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ خاتالىقى. خىتاي بۇ دۆلەتكە قىلغان قىلمىشلىرى ئۈچۈن غايەت زور بەدەل تۆلەيدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە خىتاي مەسئۇل» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

تىرامپ يەنە «خىتاي ۋاباسى»، «خىتاي ۋىرۇسى» دېگەن سۆزلەرنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بىر قىسىم ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى بۇ نامغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ ئامېرىكىدا ئاسىيالىقلارغا قارشى ئىرقچىلىقنىڭ كۈچىيىشىگە يول ئاچىدۇ» دېگەن.

https://www.dw.com/zh/%E7%89%B9%E6%9C%97%E6%99%AE%E4%B8%AD%E5%9B%BD%E5%B0%86%E4%BC%9A%E4%BB%98%E5%87%BA%E5%B7%A8%E5%A4%A7%E4%BB%A3%E4%BB%B7/a-55205279
بۇ خەۋەر 962 قېتىم كۆرۈلدى
09/10/2020 16:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق