2020-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ئېلان قىلىندى

8- نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتى ئامېرىكىلىق شائىر ۋە يازغۇچى لۇئىس گىلۈكنى (Louise Glück) 2020-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا لايىق كۆرگەن.

نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتى نېمە ئۈچۈن لۇئىس گىلۈكنى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا لايىق كۆرگەنلىكى ئۈستىدە چۈشەنچە بېرىپ: «لۇئىس گىلۈك يالغۇزلۇق ئىچىدە تەۋرەنمەستىن ئاددىي-ساددا ئۆتكەن ھاياتلىق مۇساپىسىنى ئالەمشۇمۇل گۈزەل، تەبىئىي شېئىرىي تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگەن» دەپ چۈشەندۈرگەن.

چۈشەندۈرۈشتە يەنە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئائىلە تۇرمۇشى، ئاتا-ئانىلار، بالىلىق، قېرىنداشلار ئارا مۇناسىۋەت قاتارلىقلارنى تەسۋىرلىگەنلىكى ۋە بۇلارنىڭ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ مەركىزىي ئىدىيەسىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن

لۇئىس گىلۈكنىڭ تۇنجى كىتابى «تۇنجى تۇغۇلۇش» (Firstborn) بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ كىتابى 1968-يىلى نەشر قىلىنغان. لۇئىس گىلۈك ئامېرىكا ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ داڭلىق شائىرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ بۈگۈنگىچە نوبېل مۇكاپاتى ئالغان 16-ئايال يازغۇچى بولغان.

لۇئىس گىلۈك 1943-يىلى ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇزۇن ئارال دېگەن جايىدا چوڭ بولغان. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان يىللاردا «ئىشتىھا تۇتۇلۇش نېرۋا كېسەللىكى»گە گىرىپتار بولۇپ، بىر قانچە يىل داۋالانغاندىن كېيىن ساقايغان. كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئوقۇغان. بۈگۈنگىچە ئۇنىڭ 12 پارچە شېئىر توپلىمى نەشر قىلىنغان. ئۇ 1993-يىلى «ياۋا چىغىرتماقگۈل» دېگەن كىتابى بىلەن «پۇلىتزېر» (Pulitzer) مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2014-يىلى «سادىق ۋە پەزىلەتلىك كېچە» (Faithful and Virtuous Night) دېگەن كىتابى بىلەن «خەلقئارالىق كىتاب مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.

لۇئىس گىلۈك ئېرىشكەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى سوممىسى 840 مىڭ ياۋرو (7 مىليون 855 مىڭ لىرا) قىممىتىدە بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىم نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئارقىلىق نامىنى دۇنياغا تونۇتقان. لۇئىس گىلۈك ھازىر يېل ئۇنىۋېرسىتېتىدە ۋاقىتلىق پىروفېسسور بولۇپ ئىشلەيدۇ.

بۇ خەۋەر 876 قېتىم كۆرۈلدى
09/10/2020 16:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق