پاكىستان تىك توك ئەپ دېتالىنى چەكلەشنى قارار قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پاكىستان نازارەت ئورگىنى ئەخلاقسىز مەزمۇنلار كۆپ بولغانلىقى سەۋەبلىك خىتاينىڭ سىن ھەمبەھرىلەش ئەپ دېتالى تىك توكنى (TikTok) چەكلەشنى قارار قىلغان.

9-ئۆكتەبىر پاكىستان دۆلەتلىك نازارەت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۇپىغا مەزمۇن نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئەخلاقسىز مەزمۇنلارنى زىيارەت قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا كۆپ قېتىم يوليورۇق بېرىلگەن. پاكىستان تېلېگراف ئىدارىسى رەئىسى بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «بۇ سۇپا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزاملىرىغا تولۇق ئەمەل قىلمىدى. ھۆكۈمەت ئەخلاقسىز مەزمۇنلارنى چۈشۈرمەسلىك ھەققىدە كۆپ ۋاقىت بېرىلىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۈنۈمى بولمىدى، شۇڭا ھۆكۈمەت تەرەپ پاكىستاندا تىك توك ئەپ دېتالىنى چەكلەش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى».

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پاكىستاننىڭ تىك توكنى چەكلىشىنى پاكىستاننى ئەخلاقسىزلىق قىلمىشقا قارشى تۇرۇش نامىدا كىشىلەرنى توردا ئەركىن پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلدى، دەپ ئەيىبلىگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تىۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ: «پاكىستاننىڭ تىك توكنى چەكلىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بولسا بەزى ئاۋازلارنىڭ تېلېۋىزوردا چەكلىنىشى، گېزىت ئىستونلىرىنىڭ يوق قىلىنىشى، تور بېكەتلەرنىڭ تاقىلىشى، تېلېۋىزىيە ئېلانلىرىنىڭ چەكلىنىشى» دېگەن.

نۆۋەتتە تىك توك بىخەتەرلىك ۋە مەخپىيەتلىك مەسىلىسى سەۋەبىدىن دۇنيا مىقياسىدا ئېغىر بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە. ھىندىستانمۇ تور بىخەتەرلىكى ئەندىشىسى سەۋەبىدىن تىك توك ۋە باشقا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ نەچچە ئونلىغان ئەپ دېتالىنى چەكلىگەن.

https://www.voachinese.com/a/Pakistan-tiktok-20201009/5615453.html
بۇ خەۋەر 884 قېتىم كۆرۈلدى
10/10/2020 17:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق