پومپېيو: خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ توقۇنۇش نۇقتىسى تەيۋەن مەسىلىسى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو خىتايغا قارشى ئىتتىپاق تۈزۈلگەنلىكىنى، تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، پومپېيو توكيودا ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ھىندىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن تۆت تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن. ئۇ تۆت دۆلەت ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينى چەكلەش ئۈچۈن قۇرۇلغان «كىچىك شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى» ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسىيادا بىر قاتار مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا باشلىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى تۇرالىشىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پومپېيو ھىندىستاننىڭ خىتايغا قاراتقان ھەرىكىتىنى، بولۇپمۇ ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىن مەھسۇلات سېتىۋېلىشنى توختىتىشى ۋە خىتاينىڭ ئەپلىرىنى چەكلىشىنى «ئالاھىدە ئەھۋال» دەپ سۈپەتلىگەن.

پومپېيو مۇخبىرغا: «بۇ دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ بۇ كۈرەشتىكى ئىتتىپاقدىشى ۋە شېرىكى. خىتاي يېقىندىن بېرى تەيۋەنگە قاراتقان تەھدىتلىرىنى كۈچەيتتى. بۇ تەيۋەن خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكى ئامانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىگە تەھدىت سالماقتا» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

https://www.voachinese.com/a/pompeo-china-ccp-quad-vatican-taiwan-20201009/5615836.html
بۇ خەۋەر 910 قېتىم كۆرۈلدى
10/10/2020 17:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق