خىتاينى ئامېرىكىنىڭ مەخپىيەتلىكى بىلەن تەمىنلىگەن سىنگاپورلۇق جازالاندى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينى ئامېرىكا مەخپىيەتلىكى بىلەن تەمىنلىگەن سىنگاپور پۇقراسى ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 14 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، سىنگاپورلۇق جۈن ۋېييې ئەسلى سىنگاپور دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورانت ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 7-ئايدا جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ، ئۆزىنىڭ 2015-يىلى سىنگاپور دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقاندا خىتاي ئاخبارات ئورگىنى تەرىپىدىن جاسۇسلۇققا قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ 2015-يىلدىن 2019-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي ئاخبارات ئورگىنىدا ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋە ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ھەققىدىكى قىممەتلىك مەخپىي ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىپ، خىتاينى بۇ ھۆججەتلەر بىلەن تەمىنلىگەن.

ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇ كۆپ يىللاردىن بۇيان خىتاينى ھەربىي ئايروپىلان تۈرى، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى ھەققىدىكى دوكلاتلار بىلەن تەمىنلىگەن. ئۇ يەنە ھەر خىل ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي ئاخبارات خادىملىرى تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىغان.

ئۇ ئۆزىنى سىياسىي خەتەر ئانالىزچىسى دەپ ئاتىۋېلىپ، خىتاي ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى مەركەز قىلىپ، شىمالىي ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭ، توكيو ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەت تورى قۇرۇپ چىققان. 2018-يىلى مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى تەمىنلەيدىغان ساختا شىركەت قۇرۇپ، شىركەت نامىدا خىزمەت ئېلانى تارقاتقان. تاپشۇرۇۋالغان تەرجىمىھالىنىڭ %90ى ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ بۇ تەرجىمىھاللارنى خىتاي ئاخبارات خادىملىرىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن.

https://www.voachinese.com/a/Singaporean-china-sentence-20201009/5615742.html
بۇ خەۋەر 846 قېتىم كۆرۈلدى
10/10/2020 17:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق