خىتاي ۋاكسىنا بىلەن نامرات دۆلەتلەرنى ئالداشقا كىرىشتى

ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي بۇ جۈمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ۋىرۇسى ۋاكسىنىسىنى نامرات دۆلەتلەرگە تارقىتىپ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەشەببۇسىغا ئاۋاز قوشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي باياناتىدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن نامرات دۆلەتلەرگە ۋىرۇس ۋاكسىنىسى تارقىتىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەشەببۇسىغا ئاۋاز قوشقان ئەڭ چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنىڭ كىلىنىكىلىق سىناقتا بىخەتەر ۋە ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىشتىن ئىلگىرى، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بۇ خىل ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەشتە ئۆزئارا رىقابەتكە چۈشكەن. باي دۆلەتلەر سىناق نەتىجىسى ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىشقا مەبلەغ ئاجرىتىش ئارقىلىق، دەسلەپكى قەدەمدە كەڭ كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ خىتاي ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى كاپالەت مېخانىزمىغا (Covax) قاتنىشىشى يۇقۇم مەزگىلىدە دۇنياغا رەھبەرلىك قىلىش رولىنى ئويناشقا ئۇرۇنۇش بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرىكى كىرىزىسلاردا ئوينايدىغان رولىنى ئىگىلەش خام خىيالىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەن. خىتاي ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى كاپالەت مېخانىزمى بولسا يەر شارىدىكى نامرات دۆلەتلەرنى ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەشنى كاپالەت ئىگە قىلىش پىلانىنى كۆرسىتىدىكەن.

https://cn.wsj.com/articles/%E4%B8%AD%E5%9B%BD%E5%8A%A0%E5%85%A5%E5%90%91%E8%B4%AB%E5%9B%B0%E5%9B%BD%E5%AE%B6%E6%8F%90%E4%BE%9B%E6%96%B0%E5%86%A0%E7%96%AB%E8%8B%97%E7%9A%84%E5%85%A8%E7%90%83%E5%80%A1%E8%AE%AE-11602307510
بۇ خەۋەر 858 قېتىم كۆرۈلدى
10/10/2020 17:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق