نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى دۇنيا يېمەكلىك پىروگراممىسىغا بېرىلدى

نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتى بۇ يىلقى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارمىقىدىكى «دۇنيا يېمەكلىك پىروگراممىسى » (World Food Programme- WFP)غا بېرىشنى لايىق كۆردى.

نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى نېمە ئۈچۈن بۇ تەشكىلاتقا بەرگەنلىكى ئۈستىدە توختىلىپ: «دۇنيا يېمەكلىك پىروگراممىسى ئاچارچىلىققا قارشى تۇرۇش، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى ياخشىلاشقا تۆھپە قوشۇش، توقۇنۇش رايونلىرىدىكى تىنچلىققا تۆھپە قوشۇش، ئاچارچىلىقنىڭ ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشتا قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە قىلغان خىزمەتلىرى ئۈچۈن بۇ مۇكاپاتنى بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق» دەپ چۈشەندۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى، ئەدەبىيات مۇكاپاتى، مېدىتسىنا مۇكاپاتى... قاتارلىقلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپات سوممىسى  840 مىڭ ياۋرو (7 مىليون 855 مىڭ لىرا) ئەتراپىدا بولىدىكەن.

 
بۇ خەۋەر 952 قېتىم كۆرۈلدى
11/10/2020 08:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق