شى جىنپىڭنىڭ ھەجۋىي رەسىمىنى ئاسقان شىۋېتسىيە رېستورانى بېسىمغا دۇچ كەلدى

ب ب س نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شىۋىتسىيەنىڭ ئىستوكھولمدىكى بىر رېستوران يېقىندا شى جىنپىڭنىڭ سېرىق رەڭدە بويالغان، شەپەرەڭنىڭ قۇلىقى سىزىلغان ھەجىۋى رەسىملىرىنى ئاسقان ھەمدە ئۇنىڭغا «شەپەرەڭ پالۋان» دېگەن خەتنى يېزىپ، بۇ ۋىرۇسنىڭ خىتاي ۋە شەپەرەڭلەردىن كەلگەنلىكىنى ئىپادە قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ ھەجۋىي رەسىم كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەر بۇ رەسىمنى «ئىرقىي كەمسىتىش تەشەببۇس قىلىنغان» دەپ قاراپ، رېستوران ۋە لايىھەلىگۈچى ئۈستىدىن ئەرز قىلغان. ئەرزدىن كېيىن رېستوران رەسىملەرنى ئېلىۋېتىپ، كىشىلەرنى بىئارام قىلغانلىقىدىن كەچۈرۈم سورىغان. ئېلان لايىھەلىگۈچىلەر بولسا بۇ رەسىمدىن رەنجىگەن كىشىلەر بولسا ئۆزۈر سورايدىغانلىقىنى، بىراق بۇ ئەسەر ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ھەجۋىي سەنئەت ئىجادىيىتى ئىكەنلىكىنى، مەقسىتىنىڭ پەقەت شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كوممۇنىستلىرىنى مەسخىرە قىلىش ئىكەنلىكىنى، باشقىلارغا ئىرقچىلىق بىلەن زەرەر يەتكۈزىدىغان ئويىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە يەنە مەزكۇر ئېلان لايىھەلىگۈچىسى بۇ ھەجۋىي رەسىمنىڭ ئىستوكھولمدا بىر نەچچە ئاي كۆرگەزمە قىلىنغانلىقىنى، رېستوراندىمۇ بىر ئاي كۆرگەزمە قىلىنغانلىقىنى بايان قىلغان.

خەۋەردە يەنە ۋىرۇسنىڭ خىتاينىڭ ۋۇخەندە تۇنجى بولۇپ پەيدا بولغانلىقى، ئالىملارنىڭ شەپەرەڭدە بايقىغان تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ خىتاي ۋىرۇسىغا ئوخشاش گېنى بار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقى، ئەمما خىتاينىڭ بۇ ۋىرۇسنىڭ خىتايدا پەيدا بولغانلىقىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەنلىكى، شۇنداقلا ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈشكە يول قويمىغانلىقى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپنىڭ بۇ ۋىرۇسنى نۇرغۇن قېتىم «خىتاي ۋىرۇسى» دەپ ئاتىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

https://www.bbc.com/zhongwen/simp/world-54504695
بۇ خەۋەر 1001 قېتىم كۆرۈلدى
12/10/2020 17:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق