خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى نەچچە يۈز تەيۋەنلىك جاسۇسنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 11-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى يېقىندا تەيۋەن جاسۇسلۇق ئاخبارات ئورگىنىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى ھەرىكەت قوزغاپ، يۈزلىگەن جاسۇسلۇق دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي بىخەتەرلىك ئورگىنى «چاقماق-2020» ئالاھىدە ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ، تەيۋەن جاسۇسلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىش قىلمىشلىرىغا زەربە بەرگەنلىكىنى، يۈزلىگەن جاسۇسلۇق دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى، بىر تۈركۈم تەيۋەن جاسۇسى ۋە ئۇلارنىڭ ئىجرا قىلغۇچىلىرىنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي خەۋەرلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ خىتاي بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ 2018-يىلى «گۈلدۈرماما ھەرىكىتى»دىن كېيىن تەيۋەن ۋە ئۇنىڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرىغا قاراتقان يەنە بىر قېتىملىق زەربە بېرىشى ئىكەن.

خىتاي خەۋەرلىرىدە يەنە يېقىنقى كۈنلەردە تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ خىتايغا قارشى تاشقى كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ، دائىم ئاۋارىچىلىكلەرنى پەيدا قىلغانلىقىنى، جاسۇسلۇق ۋە ئىستىخبارات ئورگانلىرىدىن پايدىلىنىپ، مۇستەقىللىق يولىغا قاراپ ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

تەيۋەن ئىقتىساد گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2018-يىلى 15-سېنتەبىر تارقىتىلغان مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەرلەر پىروگراممىسىدا خىتاي كوممۇنىستلىرى يەنە 100 دىن ئارتۇق تەيۋەن جاسۇسلۇق دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

تەيۋەن «ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە يەنە 10-ئۆكتەبىر مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى نەچچە يۈز تەيۋەن جاسۇسلۇق دېلوسىنىڭ پاش بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغانلىقى، تەيۋەن بىلەن خىتاي كوممۇنىستلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈچەيگەنلىكى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

https://www.dw.com/zh/%E5%A4%AE%E8%A7%86%E4%B8%AD%E5%9B%BD%E5%AE%89%E5%85%A8%E6%9C%BA%E5%85%B3%E7%A0%B4%E8%8E%B7%E6%95%B0%E7%99%BE%E8%B5%B7%E5%8F%B0%E6%B9%BE%E9%97%B4%E8%B0%8D%E7%AA%83%E5%AF%86%E6%A1%88/a-55235299
بۇ خەۋەر 902 قېتىم كۆرۈلدى
12/10/2020 17:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق