ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: تالىبانلار تىرامپنىڭ قايتا سايلىنىشىنى قوللايدۇ

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تالىبان باياناتچىسى ئامېرىكا CBS قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تىرامپنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئالدىنقى جۈمە تالىبان باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد CBS قانىلىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «بىز تىرامپنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ ئالدىنقى چارشەنبە ئېيتقان سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ روژدېستۋا بايرىمىدىن ئىلگىرى بارلىق ئەسكەرلىرىنى ئافغانىستاندىن چېكىندۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. تالىبانلار بۇ باياناتنى قارشى ئالغان ھەمدە بىر كۈندىن كېيىن تىرامپنىڭ قايتا سايلىنىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلغان.

تىرامپ ئافغانىستاندىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان بولۇپ، ئالدىنقى چارشەنبە كۈنى تىۋىتتېر ھېساباتىدا: «ئافغانىستاندا قالغان باتۇر ئامېرىكىلىق ئەر-ئايال ئەسكەرلەر كۆپ ئەمەس، بىز روژدېستۋا بايرىمىدىن ئىلگىرى ئۇلارنى ئۆيىگە قايتۇرۇشىمىز كېرەك» دېگەن.

تالىبان باياناتچىسى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ تالىبانلارنىڭ ئامېرىكا بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىنى داۋاملاشتۇرۇشتىكى ئىجابىي قەدەم. بۇ يىل 2-ئايدا تىرامپ ھۆكۈمىتى ۋە تالىبانلار دوھادا تارىخىي كېلىشىم ئىمزالىدى. ئىككى تەرەپ ئافغانىستاندا ئورۇنلاشقىلى 20 نەچچە يىل بولغان ئامېرىكا ئارمىيەسىنى چېكىندۈرۈش ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى تالىبانلار بىلەن قاتاردا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاش توغرىسىدا سۆھبەتلەشمەكتە ئىكەن.

https://www.dw.com/zh/%E7%BE%8E%E5%AA%92%E5%A1%94%E5%88%A9%E7%8F%AD%E6%94%AF%E6%8C%81%E7%89%B9%E6%9C%97%E6%99%AE%E8%BF%9E%E4%BB%BB/a-55241792
بۇ خەۋەر 923 قېتىم كۆرۈلدى
13/10/2020 15:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق