تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىش تەكلىپى پارلامېنتقا يوللاندى

رويتېر ئاگېنتلىقى دۈشەنبە كۈنى ئوخشىمىغان بەش مەنبەدىن ئېرىشكەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاقساراي تەيۋەنگە قورال سېتىش قەدىمىنى تېزلەتكەن بولۇپ، پارلامېنتنىڭ تەستىقلىشى ئۈچۈن تەيۋەنگە ئۈچ چوڭ قورال سېتىش ھەققىدىكى پىلانىنى تاپشۇرغان. ئۇلار «ھىمارس» راكېتا سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبى دېڭىز قىرغىقىنىڭ 500 كىلومېتىر دائىرىسىدىكى نىشانىغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرەلەيدىكەن. مەزكۇر قورال خىتاي ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا يىراق مۇساپىلىك ھاۋادىن يەر يۈزىگە قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن تەيۋەننىڭ ھەربىي مۇداپىئە ئىقتىدارى زور دەرىجىدە كۈچىيىدىكەن.

پارلامېنتقا تەستىقلاشقا ئەۋەتىلگەن ئەڭ سەزگۈر قورال AGM-84H / K SLAM-ER دەپ ئاتىلىدىغان ئۇزۇن مۇساپىلىك ھاۋادىن يەرگە قارىتىلغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد بولۇپ، بۇ تەيۋەندە مەۋجۇت بولغان كۈرەشچى ئايروپىلانىغا ئورنىتىلىپ، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى دائىرىسى سىرتىدا قويۇپ بېرىلىپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ياكى دېڭىزدىكى نىشانلارغا زەربە بېرەلەيدىكەن. جۈملىدىن تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتمەكچى بولغان ئۇرۇش پاراخوتلىرىغىمۇ زەربە بېرەلەيدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەيۋەننىڭ كەلگۈسى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشىغا ھەقىقىي باب كېلىدىكەن.

https://www.rfi.fr/cn/%E4%B8%AD%E5%9B%BD/20201012-%E7%BE%8E%E5%8A%A0%E9%80%9F%E6%8E%A8%E8%BF%9B%E5%AF%B9%E5%8F%B0%E5%86%9B%E5%94%AE-%E5%A4%9A%E6%AC%BE%E5%B0%96%E7%AB%AF%E6%AD%A6%E5%99%A8%E7%B3%BB%E7%BB%9F%E9%80%81%E8%BE%BE%E5%9B%BD%E4%BC%9A%E6%89%B9%E5%87%86
بۇ خەۋەر 872 قېتىم كۆرۈلدى
13/10/2020 15:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق