ئامېرىكا خوڭكوڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن ئالاقىسى بولغان بانكىلارنى ئاگاھلاندۇردى

فىرانسىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا خوڭكوڭ ئاپتونومىيەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان خىتاي ۋە خوڭكوڭ ئەمەلدارلىرىغا قارىتا ئېمبارگو دائىرىسىنى كېڭەيتكەن.

رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خوڭكوڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن ئالاقە قىلىدىغان بانكىلارغا جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ رەسمىي ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، خوڭكوڭ دېموكراتىيەسىنى باستۇرۇشتا مەسئۇلىيىتى بار، دەپ قارالغان شەخسلەر بىلەن سودا قىلىدىغان خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى جازاغا تارتىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بۈگۈن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى توختىتىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، خىتايمۇ تېگىشلىك تەدبىر قوللىنىدۇ» دېگەن.

بۇ خەۋەر 727 قېتىم كۆرۈلدى
16/10/2020 16:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق