ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى خىتاي شىركىتىگە قارشى بىرلەشمە مەكتۇپ ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 40 نەچچە ئەزاسى پارلامېنتقا بىرلەشمە مەكتۇپ يېزىپ، خىتاي خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىدىن خۇاۋېي بىلەن جۇڭشىڭ شىركىتىنى «خەتىرى كۈچلۈك تەمىنلىگۈچى» قاتارىغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا سىياسەت تورىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بەش سىياسىي گۇرۇپپىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ پارلامېنت ئەزالىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئالاقە مىنىستىرلىرى ۋە ياۋروپا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا يازغان خېتىدە خىتاي خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىدىن خۇاۋېي بىلەن جۇڭشىڭنى خەتىرى كۈچلۈك تەمىنلىگۈچى قاتارىغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 40 نەچچە ئەزاسى، ياۋروپا كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئاندرېس ئەنسىپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ خىتاي مۇناسىۋىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى راينھارد بۈتىكوفېر ۋە باشقا پارتىيەلەرنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزالىرى ئىمزالاشقا قاتناشقان.

مەكتۇپتا: «بارلىق خىتاي شىركەتلىرىگە ئوخشاش خۇاۋېي ۋە جۇڭشىڭ چوقۇم خىتاينىڭ دېموكراتىك بولمىغان مۇستەبىت ھۆكۈمىتىنىڭ يوليورۇقىنى ئىجرا قىلىدۇ. خىتاي تور ئارقىلىق ئۆز خەلقىنى كونترول قىلىش ۋە غەرب ھۆكۈمەتلىرى، شىركەتلىرىگە قارىتا جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئىجرا قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. خۇاۋېي ۋە جۇڭشىڭنىڭ ھەر ئىككىلىسى خەتىرى كۈچلۈك تەمىنلىگۈچىلەر. بۇ شىركەتلەر ياۋروپانىڭ 5G تورى تېخنىكىلىرىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ» دېيىلگەن.
پارلامېنت ئەزالىرى يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن خەلقئارالىق مال سېتىۋېلىش مېخانىزمى لايىھەسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ بازارغا كىرىشىنى چەكلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى سودا ھەرىكىتىنى توسۇشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ خەۋەر 780 قېتىم كۆرۈلدى
16/10/2020 16:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق