ئامېرىكا تاموژنىسى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق خۇرۇم پەلەيلەرنى قولغا چۈشۈردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى لوس ئانژېلېستىكى ئۇزۇن ساھىل تاموژنىسىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق، دەپ گۇمان قىلىنغان بىر تۈركۈم خۇرۇم پەلەيلەرنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى 15-ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىزمەتچىلىرىنىڭ لوس ئانژېلېس دېڭىز ساھىلى پورتىدا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا چېتىشلىق، دەپ گۇمان قىلىنغان 32 يەشىك مالنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى، بۇلارنىڭ خۇرۇم پەلەيلەر ئىكەنلىكىنى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ يىل 9-ئايدا ئىلى جوۋەن كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش چەكلىك شىركىتى ۋە باۋدىڭ شەھىرى لۈيې شوزىداۋ سودا-سانائەت چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى دائىرىسىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى بۇ بۇيرۇققا ئاساسەن مەزكۇر ماللارنى تۇتۇپ قالغان.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى 14-سېنتەبىر خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا بەش تۈرلۈك تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى چىقارغان. ئەينى ۋاقىتتا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان باياناتتا، تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقىغا چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى سىستېمىلىق دەپسەندە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىكى 30-سېنتەبىر بالا ئىشچىلار ئىشلەپچىقارغان ياكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان، دەپ قارالغان مەھسۇلاتلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە پەلەي ۋە روژدېستۋا بايرىمى بېزەكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 خىل مەھسۇلاتنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغانلىقى مەلۇم بولغان.

بۇ خەۋەر 770 قېتىم كۆرۈلدى
16/10/2020 16:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق