ئامېرىكا كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىغا قارىتا بېسىمنى كۈچەيتتى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو مەلۇم رادىيو پىروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا مەكتەپلىرىدىن يىل ئاخىرىغىچە خىتاينىڭ كۇڭزى مەكتەپلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىلا ئەمەس، بەلكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە يەسلىلەردىن 12-يىللىققىچە بولغان بارلىق ئورگانلاردىن بۇنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان تەشۋىقات تەشكىلاتلىرى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا ئورگانلىرىدا مەۋجۇت بولماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تىرامپ ھۆكۈمىتى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى ئامېرىكا مەكتەپلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى خىتاينىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىتايچە دەرسلىكلەرنى ئوقۇتۇشتا ياخشى ئويلىشىپ بېقىشى كېرەكلىكىنى، چۈنكى بۇلاردا خىتاينىڭ يامان غەرىزى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا يازغان مەكتۇپتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەبىتلىك ئىدىيەسىنىڭ مەكتەپكە سىڭىپ كىرىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقى، كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ ئامېرىكىدا پۇت تىرەپ تۇرۇشى سۆز ئەركىنلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكى، مەكتەپلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىق پىلانىنى قايتا تەكشۈرۈپ چىقىپ، تەدبىر قوللىنىپ مائارىپ مۇھىتىنى قوغدىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.

مەكتۇپتا ئېيتىلىشىچە، نۇرغۇن ئىلمىي ئورگانلار خىتاينىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتى ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى كونترول قىلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن ۋە مائاش بېرىلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىتاينىڭ ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەرگە، دىندارلارغا ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى تىلغا ئالمايدىغانلىقى ھەققىدە نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ زىددىيىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، كۇڭزى ئىنستىتۇتى ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ دىققىتىنى قوزغىغان. ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىكى ئىككى پارتىيە دوكلاتىدا ئەگەر خىتاي ئاشكارا بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكىنى ئادىل بولغان مەدەنىيەت تارقىتىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىمىسە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى كۇڭزى ئىنستىتۇتى بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈشكە چاقىرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بۇ يىل ئاۋغۇست ئايلىرىدا ئاۋسترالىيەنىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ يېڭى جەنۇبىي ۋېلىس ئىشتاتى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ ئورنىنى دۆلەت مەبلەغ سالغان تۈرلەر بىلەن ئالماشتۇرغان. كانادانىڭ يېڭى بىرۇنسۋىك ئۆلكىسىمۇ دۆلەت مەكتەپلىرىدە كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بۇ خەۋەر 776 قېتىم كۆرۈلدى
16/10/2020 16:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق