خىتاي ئەلچىسى كانادانى خوڭكوڭ نامايىشچىلىرىنى قوبۇل قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى

فىرانسىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سوڭ پېيۋۇ كانادا ھۆكۈمىتىنى خوڭكوڭ دېموكراتىيەسىنى قوللايدىغان نامايىشچىلارغا پاناھلىق بېرىشتىن ئاگاھلاندۇردى.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، سوڭ پېيۋۇ پەيشەنبە كۈنى خىتاي بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۆتكەن يىلى خوڭكوڭدا نامايىشقا قاتناشقان خوڭكوڭلۇق بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ پاناھلىق تىلىگەنلىكى توغرىسىدا بۇ سۆزنى قىلىپ: «بىز كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى بۇ زوراۋان جىنايەتچىلەرگە سىياسىي پاناھلىق بەرمەسلىكىنى تەلەپ قىلىمىز. چۈنكى بۇ مەسىلىلەر خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق. بۇ خىل پاناھلىق بېرىش پەقەت زوراۋان جىنايەتچىلەرنى تېخىمۇ كۆپەيتىدۇ» دېگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە ئەگەر كانادا خوڭكوڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىغا، خوڭكوڭدىكى 300 مىڭ كانادا پۇقراسىنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلمەكچى ھەمدە خوڭكوڭدا پائالىيەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن كانادا شىركەتلىرىنى قوغدىماقچى بولسا، ئۇنداقتا خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى بۇ زوراۋانلىق جىنايى قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇش مەيدانىنى قوللىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شامپېين سوڭ پېيۋۇنىڭ سۆزىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ سۆزىنىڭ پۈتۈنلەي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ۋە پاراكەندىچىلىك سالىدىغان سۆزلەر ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1249 قېتىم كۆرۈلدى
17/10/2020 16:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق