ب د ت خەلقئارا سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ خاڭجۇدا قۇرۇلۇشى ئەندىشە قوزغىدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيۇيوركتىكى باش كاتىبات باشقارمىسى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارا سانلىق مەلۇمات مەركىزى قۇرۇشنى پىلانلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ مەركەز ئەلى بابا شىركىتىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. بەزى چەتئەل تاراتقۇلىرى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «خىتاي ب د ت نىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ، دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى نازارەت قىلىشى مۇمكىن» دېيىشكەن.

شەرق تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خاڭجۇدا دۇنياۋى سانلىق مەلۇمات مەركىزى قۇرغان بولۇپ ، مۇتەخەسسىسلەر بۇ مەركەزنىڭ خىتاينىڭ دۇنيانى نازارەت قىلىشىغا ياردەم بېرىشتىن ئەنسىرەيدىكەن.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىنقى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ب د ت ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن خىتايدا تەتقىقات مەركىزى ۋە جۇغراپىيەلىك مەركەز قۇرۇشنى پىلانلىغان. خىتاي ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىڭ جىجې ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا ب د ت نىڭ خىتاي پۇقراسىدىن بولغان مۇئاۋىن باش كاتىپى ليۇ جېنمىن بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ پىلان لايىھەسىگە ئىمزا قويغان. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر سانلىق مەلۇمات تەتقىقات مەركىزىنىڭ خاڭجۇغا جايلىشىشى مۇقىملاشقان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، مۇتەخەسسىسلەر ب د ت نىڭ خىتاي ئۈچۈن يەرشارى ئاخبارات تورى بەرپا قىلىپ بەرگەنلىكىنى، بۇ ھەرىكەت خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەردىن سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشىشىنى قانۇنلۇق قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى 15 مەخسۇس ئورگاننىڭ تۆتى خىتاي ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر بەزى دۆلەتلەرنىڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ خاڭجۇدا قۇرۇلۇشىغا قارشى چىقىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ خەۋەر 808 قېتىم كۆرۈلدى
17/10/2020 16:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق