تەيۋەنلىكلەر خىتاينىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش خەۋپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 16-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق كومىتېتى باياناتچىسى چيۇ چۈيجېڭ تەيۋەنلىكلەرنى خىتاينىڭ خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش خەۋپىدىن ئاگاھلاندۇرغان.

چيۇ چۈجېڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ، 2016-يىلى 20-مايدىن باشلاپ تەيۋەن بوغۇزى فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەيۋەنلىكلەرنىڭ خىتايدا يوقاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى 149 دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 101 كىشىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى ياكى تەيۋەن ئەمەلدارلىرىغا ئۇلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر يەتكۈزگەنلىكىنى، خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلار ئىچىدىن 48 كىشىنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا تەيۋەنگە قارشى «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن. چيۇ چۈيجېڭ 15-ئۆكتەبىر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ جىنايەت سۇيىقەستلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقىنى، قايتا-قايتا يامان غەرەزلىك سىياسىي تەشۋىقات قىلىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ۋە نورمال ئىلمىي ئالماشتۇرۇشنى قەستەن بۇزغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

چيۇ چۈيجېڭ يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەيۋەن جەمئىيىتىگە ئارىلىشىش ۋە تەيۋەن خەلقىگە تەھدىت سېلىش قىلمىشىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە خىتاينى بۇ يامان غەرەزلىك ھەرىكەتنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرغان.

خىتاي تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى جۇ فېڭلىيەن جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، تەيۋەن تەرەپنىڭ 149 كىشىنىڭ خىتايدا يوقاپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى سۆزلىرىنىڭ پاكىتقا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، پۈتۈنلەي يامان غەرەزلىك پەرەز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان خىتايدا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىش ئەھۋالى كۆپەيگەن. خىتايدا يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىگە جاسۇسلۇق قىلىش، «دۆلەت ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» ياكى باشقا سىياسىي جىنايەتلەر ئارتىلغان.

بۇ خەۋەر 767 قېتىم كۆرۈلدى
17/10/2020 16:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق