ھىندونېزىيە زور مىقداردا خىتاي ۋاكسىنىسى ئەملەشنى پىلانلىدى

فىرانسىيە ئاۋازىنىڭ 6-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى يۇقىرى دەرىجىلىك مىنىستىرى كېلەر ئايدا توققۇز مىليون كىشىگە خىتاي ياساپ چىققان ۋاكسىنا ئەملىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

CNN خەۋەر تورىنىڭ 4-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، ھىندونېزىيە دېڭىز ئىشلىرى ۋە مەبلەغ مىنىستىرى لۇخۇت بىنسار پاندجايتان خىتاي ۋاكسىنىسى ئەملەشنى كېلەر ئاينىڭ ئۈچىنچى ھەپتىسىدە باشلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. پاندجايتاننىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى يۇقۇم خىزمىتىدە تۆھپىسى بولغان بىر قىسىم ئالاھىدە رايونلاردىكى توققۇز مىليون كىشىگە تۇنجى تۈركۈمدە ۋاكسىنا ئەملەيدىكەن.

بۇ قېتىملىق ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتى خىتاينىڭ كېشىن بىيولوگىيەلىك مەھسۇلاتلار چەكلىك شىركىتى ۋە ھىندونېزىيەنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بىيوتېخنىكا شىركىتى بولغان «بىيوفارما» شىركىتى بىرلىكتە تەرىپىدىن غەربىي ياۋا ئۆلكىسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۈچىنچى باسقۇچلۇق كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئايرىم ھالدا ئىجرا قىلىنىدىكەن.

ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى بۇ ۋاكسىنىنىڭ دۆلەتنىڭ 2021-يىلىنىڭ بېشىدا قايتا ئېچىشنى پىلانلىغان داڭلىق ساياھەت ئورنى بالى ئارىلىغا بولغان ساياھەت چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىقى ئىككى شىركەت خىتاي ۋىرۇسى ۋاكسىنىسىنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئالدىنقى ئايدا ئۈچىنچى قېتىملىق كىلىنىكىلىق سىناق باسقۇچىغا كىرگەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ ئايدا مىليونلىغان ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلاردا نەقىل قىلىنىشىچە، ۋىرۇس تارقىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، ھىندونېزىيەدە جەمئىي 421 مىڭدىن ئارتۇق كىشى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان، 14 مىڭ 259 كىشى قازا قىلغان.

بۇ خەۋەر 784 قېتىم كۆرۈلدى
07/11/2020 12:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق