ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ چېگرا ۋەزىيىتى جىددىيلەشتى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە ئىشتاب باشلىقى بىپىن راۋات (Bipin Rawat) لاداخ رايونىنىڭ ئەمەلىي كونترول سىزىقى ئەتراپىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن جىددىي ئىكەنلىكىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ مىڭلىغان ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بىپىن راۋات: «بىز ئەمەلىي كونترول لىنىيەسىنى ئۆزگەرتىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتنى قوبۇل قىلمايمىز» دېگەن. ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ تۆت يۇلتۇزلۇق گېنېرالى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئومۇمىي بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، چېگرادىكى قارشىلىشىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، چېگرا ھالقىغان ھەرىكەت ۋە تاكتىكىلىق ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ كونتروللۇقتىن چىقىپ، كەڭ-كۆلەملىك توقۇنۇشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن. بىپىن راۋات يەنە خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ ھىندىستانغا يېڭى تەھدىتلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، سۇيىقەست قىلىۋاتقانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغان.

ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى راۋاتنىڭ: «خىتاي بىلەن پاكىستان بىرلىشىپ، رايوندا مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىۋاتىدۇ، بۇ ۋەزىيەتتە قارشىلىشىش كۈچىيىشى مۇمكىن» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك ۋە ھەربىي يوللار ئارقىلىق چېگرا ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر ياخشىلىنىش بولمىغان. ئىككى تەرەپنىڭ ئەسكەرلىرى يەنىلا بۇ مۇزلۇق چوققىدا قاتتىق سوغۇققا بەرداشلىق بېرىشى كېرەك ئىكەن. جۈمە كۈنى ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانلىرى لاداخدا سەككىزىنچى قېتىم ھەربىي قوماندانلار سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن.

ھىندىستان ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ سۆھبەت خىتاينىڭ ھىندىستاندىن بانگۇڭ كۆلىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان رايوندىن بىر قىسىم ئەسكەرلەرنى چېكىندۈرۈش تەكلىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇ رايوندىكى ئىككى تەرەپ قوشۇننىڭ ئارىلىقى ئاران نەچچە يۈز مېتىر كېلىدىكەن. ئىككى قوشۇنى بانگۇڭ كۆلىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدا تىركىشىش ھالىتىدە ئىكەن. ئىككى تەرەپ زەمبىرەك ۋە بىرونېۋىكلار بىلەن قوراللانغان بولۇپ، خىتاي ھىندىستان ئارمىيەسىنى چېكىنىشكە قىستىماقتا ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سىنگى پەيشەنبە بىلدۈرگەن سۆزىدە، ھىندىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشقا بەل باغلىغانلىقىنى، ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر، بىر تەرەپلىمە ھەرىكەت ۋە تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 871 قېتىم كۆرۈلدى
07/11/2020 13:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق