خىتاينىڭ سابىق ئەمەلدارى: قورال كۈچىسىز تەيۋەننى قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى ۋاڭ زەيشى «خەلق سىياسىي كېڭىشى» گېزىتىدە بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ ماقالىسىدە قورال كۈچى ئىشلەتمەي تۇرۇپ، خىتاي بىلەن تەيۋەننى بىرلەشتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ۋاڭ زەيشى ماقالىدە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «تەيۋەن ۋەزىيىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن، تىنچ بىرلەشتۈرۈش ئېھتىماللىقى تۆۋەنلىدى. تەيۋەن مۇستەقىللىق كۈچلىرى ئاللىبۇرۇن تەيۋەن مۇستەقىللىق تەشەببۇسىنى ئاشكارا سەھنىگە چىقاردى. تەيۋەندە مۇستەقىللىق كۈچلىرى ھاكىمىيەت يۈرگۈزمەكتە. تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرىدىغان مىللەتچى پارتىيەسى (گومىنداڭ) تەڭپۇڭلۇقنى تەڭشەش كۈچىنى يوقاتتى. ھازىر تەيۋەندىكى ھېچقانداق بىر سىياسىي پارتىيە تەيۋەن خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىپ، خىتاي بىلەن بىرلىشىش مەسىلىسىدە سۆھبەتلىشەلمەيدۇ. تەيۋەندە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسىنىڭ رەئىسى سەي يىڭۋېن ‹ئىككى قىرغاق، بىر خىتاي› سىياسىتىنىمۇ ئېتىراپ قىلمايدۇ، ئۇنىڭ خىتاي بىلەن بىرلىشىشنى مۇزاكىرە قىلىش مۇمكىنچىلىكى يوق».

ۋاڭ زەيشى بۇندىن بۇرۇن «بېيپىڭ ئەندىزىسى»نى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۈچىنچى تاللاش يولى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. «بېيپىڭ ئەندىزىسى» بولسا دەل ھەربىي كۈچ بىلەن ئارقىلىق بىرلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۆرسىتىدىكەن. ۋاڭ زەيشى يەنە ھازىر خىتاينىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان كۈچ ۋە شارائىتقا ئىگە ئىكەنلىكنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى دېڭىز ئارمىيەسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە «بىز بارلىق زېھنىمىز ۋە كۈچىمىزنى ئۇرۇشقا تەييار تۇرۇشقا ئىشلىتىپ، كۈچلۈك ھوشيارلىقنى ساقلىشىمىز كېرەك» دېگەن. ئۇنىڭ بۇ سۆزى سەي يىڭۋېن ھۆكۈمىتىگە تەھدىت سالغانلىق، دەپ قارالغان.

بۇ خەۋەر 788 قېتىم كۆرۈلدى
09/11/2020 13:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق