بىرازىلىيە خىتاي ۋاكسىنىسىنىڭ كىلىنىكىلىق سىنىقىنى توختاتتى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئېغىر ھادىسە يۈز بەرگەنلىكى سەۋەبلىك، بىرازىلىيە خىتاي ۋاكسىنىسىنىڭ كىلىنىكىلىق سىنىقىنى توختاتقان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ۋاكسىنىسى بىرازىلىيەلىك بىر پىدائىيغا سىناق قىلىنىش جەريانىدا ئېغىر ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىرازىلىيە سەھىيە نازارىتى ئورگىنى خىتاي ۋاكسىنىسىنىڭ كىلىنىكىلىق سىنىقىنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلغان. بىراق قانداق ئېغىر ھادىسە يۈز بەرگەنلىكىنى شەخسىي مەخپىيەتلىككە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر سەۋەبىدىن ئېنىق ئېيتمىغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «ئېغىر ھادىسە» ئادەتتە ئۆلۈش، ئېغىر دەرىجىدە مېيىپ بولۇپ قېلىش، ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئەكس تەسىر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر دۇنيادا 47 خىل ۋاكسىنا سىناق قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 37سى بىرىنچى ياكى ئىككىنچى باسقۇچقا كىرگەن. ئامېرىكا، گېرمانىيە، رۇسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ، شۇنداقلا خىتاينىڭ بىر نەچچە خىل ۋاكسىنىسى ئۈچىنچى باسقۇچقا كىرگەن. 11-ئاينىڭ 9-كۈنى ئامېرىكىنىڭ خىتاي ۋىرۇسىغا قارشى تەتقىق قىلىۋاتقان ۋاكسىنىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچلۇق كىلىنىكىلىق سىنىقىنىڭ ئۈنۈمى %90 تىن ئاشقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن جىددىي كۈرەش قىلىۋاتقان كىشىلەردە زور ئۈمىد پەيدا قىلغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىمۇ بۇ خەۋەرنىڭ كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 830 قېتىم كۆرۈلدى
10/11/2020 12:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق