ئەرمېنىيە مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا تاغلىق-قاراباغ رايونىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى سەۋەبلىك 27-سېنتەبىردىن باشلاپ داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش 9-نويابىر كېچە سائەت 00:00 دە ئاخىرلاشتى. ئۇرۇش ئەزەربەيجاننىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى. ئەرمېنىيە مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئالىيوف ئەزەربەيجان خەلقىگە قىلغان خىتابىدا، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئەرمېنىيە پىرېزىدېنتى نېكول پاشىنيان بۇ كېلىشىمنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىمزالىمىدى، بەلكى بىزنىڭ تۆمۈر مۇشتۇمىمىزنىڭ زەربىسىدە ئىمزالاشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ ئەسلىدە بۇ كېلىشىمنى دۇنيا خەلقى ئالدىدا سىنلىق نەق مەيدان كۆرۈنۈشى بىلەن ئىمزالىشى كېرەك ئىدى. ئەمما كامېرالاردىن يىراق ھالدا ئىمزالاشنى تاللىۋالدى. بىز ئۇنىڭ تاللىشىنى توغرا چۈشىنىمىز» دېدى.

ئەرمېنىيە پىرېزىدېنتى نېكول پاشېنيان ئەرمېنىيەنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ تۈزگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئۈستىدە توختىلىپ: «مەن رۇسىيە ۋە ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىرى بىلەن تاغلىق-قاراباغ ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش خىتابنامىسى ئىمزالىدىم. ئېلان قىلىنغان بايانات مەن ۋە خەلقىمىز ئۈچۈن تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە ئازابلىق. مەن ئۆزۈم ۋە ھەممىمىز ئۈچۈن چىقارغان بۇ قارارنى ئىنتايىن تەستە چىقاردىم» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن پۈتۈن ئەزەربەيجاندا غەلىبە تەنتەنىسى قۇتلۇقلانغان. ئەرمېنىيەدە بولسا تەرەپ-تەرەپتە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار باشلىنىپ، قاتتىق قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەن. مىڭلىغان خەلق پارلامېنتقا بېسىپ كىرىپ، ئەرمېنىيە پىرېزىدېنتى نېكول پاشېنياننى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرسۇن دەپ، پارلامېنتنى ئۇرۇپ-چېقىپ، قاتتىق قالايمىقانچىلىق چىقارغان. قالايمىقانچىلىق جەريانىدا ئېغىر يارىلىنىش ۋەقەلىرى كۆرۈلگەن.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئۇرۇش باشلانغان 27-سېنتەبىردىن باشلاپ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغانغا قەدەر، تاغلىق-قاراباغ رايونىدىكى بىر نەچچە چوڭ شەھەر ۋە ناھىيەلەرنى ئازاد قىلغاندىن باشقا، يەنە 300گە يېقىن يېزىنى ئازاد قىلغان.

ئۇرۇش توختىغاندىن كېيىن ئەرمېنىيە لاچىن شەھىرىنى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، كەلبەجەر شەھىرىنى 12-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە ۋە ئاغدام شەھىرىنى 12-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە قايتۇرۇپ بېرىدىكەن.

ئۇرۇش توختىغاندىن كېيىن تاغلىق قاراباغ رايونىدىكى ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئۆز جايىدا قالىدىغان بولۇپ، ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى تىزگىنلەپ تۇرغان جايلارنى رۇسىيەنىڭ تىنچلىق ساقلاش قىسمىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىكەن. ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى چېكىنگەندىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ يېنىك قوراللانغان 1960 ئەسكىرى 90 بىرونېۋىك بىلەن كېلىپ، ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى چېكىنگەن رايونلارغا ئورۇنلىشىدىكەن. رۇسىيە تىنچلىق ساقلاش قىسىمىنىڭ تاغلىق قاراباغ رايونىدا تۇرۇش مۇددىتى بەش يىل بولۇپ، ئەگەر ھەر ئىككى تەرەپ ئالتە ئاي ئىچىدە ئېتىراز بىلدۈرمىسە، تەبىئىي ھالدا يەنە بەش يىل ئۇزىرايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈركىيەنىڭ تىنچلىق ساقلاش قىسمىمۇ رۇسىيە قىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە تىنچلىق ساقلايدىكەن.

بۇ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى رۇسىيەنىڭ كېلىشتۈرۈشى بىلەن بولغان بولۇپ، ئىلھام ئالېيوف بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىنغا رەھمەت ئېيتقان. شۇنداقلا تۈركىيە پىرېزىدېنتى ئەردوغان ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ باشتىن-ئاخىرغىچە ئۆزلىرىنى قوللىغانلىقىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتقان.

 

بۇ خەۋەر 1131 قېتىم كۆرۈلدى
10/11/2020 15:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق