Toggle navigation ئىستىقلال ژۇرنىلىكارىكاتۇرمۇھىم خەۋەرتەھلىل ۋە مۇلاھىزەماقالىلەرتەرمىلەرتەشكىلاتلارئىسلام دۇنياسىخەلقئاراشەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال ژۇرنىلىكارىكاتۇرمۇھىم خەۋەرتەھلىل ۋە مۇلاھىزەماقالىلەرتەرمىلەرتەشكىلاتلارئىسلام دۇنياسىخەلقئاراشەرقىي تۈركىستان
چاقماق خەەر خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ چېگرا بىخەتەرلىكىنى تەكىتلىدى تاھا قىلىنچنىڭ نەشردىن چىققان كىتابى شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى پاش قىلدى خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا ئەنئەنىۋى تېبابەت مۇنبىرىدە ئۇيغۇر تېبابىتى تىلغا ئېلىنمىدى قەستەن تارىخقا كۆمۈۋېتىلگەن ئازادلىق داھىيسى: «نېتاجى» سۇبھاس چاندرا بوس ۋە قىسسىدىن ئۇيغۇرلارغا ھىسسە (02) قازاقىستان تاراتقۇلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ساختا تەشۋىقات ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتمەكتە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئۇسۇلى بىلەن خىتايغا قارشى تۇرۇشنى ئويلاشماقتا «ئىستىقلال ئاۋازى» ئايلىق ئاخبارات ژۇرنىلى | 2025-يىلى ئاۋغۇست «ئىستىقلال ئاۋازى» ئايلىق ئاخبارات ژۇرنىلى | 2025-يىلى ئىيۇل ئامېرىكا خىتاي نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىغا يېڭى چەكلىمە چىقارماقچى شۆھرەت زاكىر شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» تەكىتلىدى
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئۇيغۇرلارغا ئىپتارلىق بەردى 2-ئىيۇن تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئىستانبۇلنىڭ يېنىكاپىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاساس قىلغان تۈركىي مىللەتلەرگە 5000 كىشىلىك ئىپتار زىياپىتى بەردى. زىياپەت شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قارمىقىدىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئورۇنلىغان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر باستۇرۇشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ناخشىلار بىلەن باشلاندى. زىياپەتتە كۆچمەنلەر ئىدارىسى باشلىقى ئابدۇللاھ ئاياز ئەپەندى سۆزگە چىقىپ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تۈركىيەگە پاناھلىق ئىزدەپ كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزغا قۇچاق ئېچىپ، ياردەم قولىنى سۇنۇپ، تۈركىيەدە خاتىرجەم ياشاشقا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئسىتانبۇل ۋالىيسى ئەلى يەرلىكايا ئەپەندى سۆز قىلىپ: «بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى قېرىنداشلىرىمىز، بالقاندىكى تۈركلەر، سۇرىيەدىكى تۈركمەنلەر بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان ئېغىر زۇلۇملارغا قارشى پۇتكۈل دۇنيا كۆرمەس، ئاڭلىماس بولۇۋالسىمۇ، بىز ئۇنداق قىلالمايمىز. تۈركىيە دائىم زالىملارغا قارشى مەزلۇملارنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ. بۇلارنى بىزنىڭ ئەمەلىي خىزمەتلىرىمىزدىن كۆردىڭىز. يېقىندا 15200 قېرىندىشىمىزغا ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرۇش گۇۋاھنامىسى (ئىقامەت) بەردۇق. ئۈچ ئاي ئىچىدە بۇ خىزمەتنى ئاخىرلاشتۇرىمىز. تۈركىيە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 70 نەچچە مىللەتكە قۇچاق ئېچپ، ساھىبخانلىق قىلماقتا. تۈركىيە نۇھنىڭ كېمىسىدۇر، كىم بۇ كېمىگە چىقىۋالسا خاتىرجەم بولىدۇ. سىز مۇھاجىر، بىز ساھىبخان، ئىستانبۇل سىزنىڭ شەھىرىڭىز» دېگەنلەرنى بىلدۈردى. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندى سۆز قىلىپ: «بىز زۇلۇمدىن قاچقان ئىنسانلارغا قۇچاق ئاچتۇق. بۈگۈن تۈركىيەنى پاناھ جاي قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇر تۈركلىرى قاتارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا قۇچاق ئاچتۇق. ئۇزۇن مۇددەتلىق تۇرۇش گۇۋاھنامىسى (ئىقامەت) بېرىش، تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېلىش ئىشلىرىدا قېرىنداشلىرىمىزغا قىلغان ۋەدىلىرىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇپ كەلدۇق. بۇندىن كېيىنمۇ بۇ خىزمەتلەر تېزلەشتۈرۈلىدۇ. بۇ ئىستانبۇل ھەممىمىزنىڭ ئستانبۇلى، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ، تۈركمەنلەرنىڭ، ئەرەبلەرنىڭ، بارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ۋە ھەممىمىزنىڭ ئىستانبۇلىدۇر» دېگەنلەرنى بىلدۈردى. ئىپتاردىن كېيىن شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى نىياز داموللام تۈركىيەنىڭ ئەمىنلىكى، شەرقىي تۈكىستاننىڭ ئازادلىقى، خىتاينىڭ ھىلاكىتى ئۈچۈن دۇئالار قىلدى. زىياپەت ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان، باش كاتىپ ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان، مۇئاۋىن رەئىس مۇساجان ئەر قاتارلىقلار بىرلىكتە سۇلايمان سويلۇ ئەپەندىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ساھىبخانلىق قىلغانلىقىغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن ئۇيغۇر تونى ۋە دوپپا كىيدۈردى، شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن گىلەم، پىلاكات تەقدىم قىلدى ھەمدە ئىچكى ئىشلام مىنسىىتىرى ھۆرمەتلىك سۇلايمان سويلۇغا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈش ئارزۇسى ۋە ئىستەكلىرنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنى تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئىشلىنى تەلەپ قىلدى. بۇ خەۋەر 22025 قېتىم كۆرۈلدى 03/06/2019 16:04:00 ئىنكاسلار ئىنكاس يزىڭ 0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق