ئۈلكەر مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى كەڭ تارقالماقتا

ئۈلكەر مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى كەڭ تارقالماقتا

29-ماي ئەنقەرەدە ئېچىلغان خىتاي-تۈركىيە ھەمكارلىقى يىغىنغا قاتناشقان ئۈلكەر شىركىتىنىڭ خوجايىنى مۇرات ئۈلكەرنىڭ «ھەممىمىز خىتاي تەرەپتە بولىمىز» دېگەن سۆزلىرى مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇر جامائىتىنى ھەيران قالدۇرغان ۋە غەزەپلەندۈرگەن ئىدى.
ۋەقەدىن كېيىن ئۈلكەر مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقلىرى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ياڭراشقا باشلىدى.
1-ئىيۇن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى خەلق ۋەكىلى مۇستافا ئاقيول ئەپەندى تىۋىتتېر سەھىپىسىدە ئۈلكەر مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدە چاقىرىق يوللاپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «مەن زالىم خىتاي تەرىپىنى ئالغان ئۈلكەر مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىمەن ھەمدە سىلەرنىمۇ بايقۇت قىلىشقا چاقىرىمەن».
ئۇندىن باشقا ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ئۈلكەرنىڭ تۈرلۈك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرسىتىپ، بۇلارنى بايقۇت قىلىش ھەققىدە چاقىرىق قىلغان.

بۇ خەۋەر 11281 قېتىم كۆرۈلدى
03/06/2019 16:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق