ئامېرىكا خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قوشۇمچە ۋىزا چەكلىمىسى ئېلان قىلدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىشقا چېتىشلىق بارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مايك پومپېيو 21-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ: «خىتاينىڭ مۇستەبىت ئەمەلدارلىرى خەلقىنىڭ سۆز قىلىش، دىنغا ئېتىقاد قىلىش، تىنچ يىغىلىش ئەركىنلىكىنى قاتتىق چەكلىدى. ئامېرىكا بۇ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنى قارشى ئالمايدۇ. دىنى زاتلارنى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى، ئۆكتىچىلەرنى، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلىرىنى، ژۇرنالىستلارنى، ئەمگەكچى، پۇقرالارنى تەشكىللىگۈچىلەرنى ۋە تىنچلىق يولى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى باستۇرۇشقا مەسئۇل بولغان، قاتناشقان بارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى يولغا قويۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلىنىدۇ. بۇ ئەمەلدارلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىمۇ ئوخشاش چەكلىمىلەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن» دېگەن.

پومپېيو يەنە ئامېرىكانىڭ بۇ يىل خىتاينىڭ ئالاقىدار ئەمەلدارلىرىنىڭ تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە، ئامېرىكىلىقلارنىڭ تىبەتكە بېرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ۋە خوڭكوڭ ئاپتونومىيەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قارشى ۋىزا چەكلىمىسى ۋە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پومپېيو باياناتىنىڭ ئاخىرىدا ئىلھام توختى قاتارلىق بىرنەچچە كىشىنى مىسال كەلتۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالانغان كىشىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن، شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرىنى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كىشىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە ھەمدە خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىدە تىلغا ئېلىنغان بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاساسىي ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.

بۇ خەۋەر 1133 قېتىم كۆرۈلدى
22/12/2020 12:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق