تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن قازا قىلغانلار 254 گە يەتتى

21-دېكابىر تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 19103 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 196 مىڭ 110 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق يېڭىدىن 19103 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 3412 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 254 كىشى قازا قىلىپ، 34419 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى باشلانغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي بىر مىليون 835 مىڭ 705 گە، قازا قىلغانلار 18351گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 5192 گە يەتكەن.

فاھرەتتىن كوجا يەنە نورمال يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن كېسىلى ئېغىر بىمارلارنىڭ ئازايغانلىقىنى، دوختۇرخانىلارنىڭ يۈكىنىڭ يەڭگىللەۋاتقانلىقىنى، تەدبىرلەرگە بىرلىكتە رىئايە قىلىشنىڭ پايدىسى كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 945 قېتىم كۆرۈلدى
22/12/2020 13:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق