خىتاينىڭ يەنە 58 شىركىتى ئامېرىكىنىڭ قارا تىزىملىكىگە چۈشۈپ قالدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان ھەربىي تەرەپكە چېتىشلىق ئورۇنلارنىڭ تىزىملىكىگە خىتاينىڭ 58 شىركىتى كىرگۈزۈلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا دۈشەنبە كۈنى خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەربىي قىسمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارالغان ئورۇنلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، تىزىملىكتە 103 ئورۇن تىلغا ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە 45ى رۇسىيەگە تەۋە، 58ى خىتاينىڭ ئىكەن. بۇ تىزىملىكنىڭ ئىچىدە خىتاي ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى، خىتاي ئاۋىياتسىيە سانائىتى گۇرۇھى قارمىقىدىكى يەتتە ئورۇن ۋە خىتاي ئاۋىياتسىيە ماتورى ئىشلەپچىقىرىش گۇرۇھى قارمىقىدىكى سەككىز ئورۇن بار ئىكەن. ھەربىي تەرەپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇ شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرى ۋە تېخنىكىسىنى سېتىۋېلىشى چەكلىنىدىكەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئېكسپورت قىلغۇچى سودىگەرلەر، ۋاسىتىلىك ئېكسپورت قىلغۇچىلار ۋە يۆتكىگۈچىلەر تىزىملىكتىكى ئورۇنلارغا مال ئېكسپورت قىلىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى يۆتكەش ئۈچۈن ئىجازەت ئېلىشى كېرەك ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا يېقىندا يەنە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى جۇڭشىن (SMIC) ۋە ئادەمسىز ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى داجياڭ (DJI) قاتارلىق ئون نەچچە خىتاي شىركىتىنى سودا قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 962 قېتىم كۆرۈلدى
22/12/2020 14:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق