خىتاي كونسۇلخانىسى ئۇيغۇر ياشلىرىغا نومۇسسىزلارچە شەرت قويدى

ئۇزۇندىن بۇيان ئىستانبۇلدا خىتاي تەرىپىدىن لاگېرغا قامالغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى يېقىنقى ئۈچ كۈندىن بېرى ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا خىتايدىن ئائىلە ئەزالىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلىۋاتقان ئىدى.
ھەرقانداق سىياسىي تەشكىلاتقا تەۋە ئەمەسلىكىنى، پەقەتلا ئائىلىسى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن قوللىرىدا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ رەسىملىرىدىن باشقا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ياكى تەشكىلات بايرىقى كۆتۈرمىگەن ياشلارغا بۈگۈن خىتاي كونسۇلخانا خادىملىرى تەرىپىدىن ھېچقانداق ئىمزا ۋە تامغا بولمىغان، نومۇسسىزلارچە تەكلىپ خېتى چىقىرىلدى.
ئۇيغۇر ياشلارنى ئوچۇق ئاشكارا ھالدا مىللىتىگە ۋە ۋەتىنىگە خىيانەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغان مەزكۇر خەتتە مۇنۇلار تىلغا ئېلىنغان: «بۆلگۈنچىلىك بايرىقى كۆتۈرۈپ، ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان ئىسمىنى قوللىنىشتىن، ئۆز دۆلىتىڭلار (يەنى خىتاي)نى قارىلايدىغان سۆز-ھەرىكەتلەردىن ۋاز كېچىشىڭلار، بۇ مەيدانىڭلارنى ئۆزۈڭلارنىڭ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى ھىسابىڭلاردا ئوچۇق-ئاشكارا ئېلان قىلىشىڭلار، بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى ۋە بۆلگۈنچىلەردىن مۇناسىۋىتىڭلارنى ئۈزۈشۈڭلار، بۇنىڭدىن كېيىن يۇقىرىقىدەك بۆلگۈنچى شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقەڭلارنى ئۈزگەنلىكىڭلارنى ۋە بۇندىن كېيىن بۇنىڭدەك سۆز-ھەرىكەتلەردە بولمايدىغانلىقىڭلار ھەققىدە ۋەدە بەرگەن يوللانمىنى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقىتىشىڭلار، تارقاتقان ئۇچۇرۇڭلارنىڭ ئۇلىنىش ئادرىسىنى كونسۇلخانىنىڭ ئېلخەت ساندۇقىغا يوللىشىڭلار شەرت. شۇنداق بولغاندىلا باش كونسۇلخانىدىكى ئەمەلدارلار سىلەر بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن».
خىتاي كونسۇلخانىسىدىن چىقىرىلغان بۇ خەت ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى. مەلۇم بولۇشىچە، نامايىش قىلىۋاتقان ياشلار بۇ نومۇسسىزلارچە يېزىلغان تەكلىپ خېتىنى يىرتىپ تاشلاپ، خالتىغا سېلىپ قايتۇرۇپ بەرگەن.
بۇ خەۋەر 1670 قېتىم كۆرۈلدى
22/12/2020 17:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق